بېل گايتىسنىڭ ئۆيى زادى قانچىلىك قالتىس؟

  بىل گەيتىسنىڭ ھازىرقى مۈلكى 78مىليارد 900مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ.

دۇنيادىكى بىرىنچى باي بولۇش سۈپىتى بىلەن بىل گەيتىس ئەلۋەتتە ئەڭ قالتىس ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، بۈگۈن ئۇنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپ باقايلى.

 

ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنى ياساش ئۈچۈن يەتتە يىل كەتكەن، 63مليون دوللار سەرپ قىلىنغان. ھازىر بولسا بۇ ئۆينىڭ بازار باھاسى ئاللىقاچان 123مىليون دوللارغا يەتتى. بىل گەيتىس ھەر يىلى پەقەت مۇشۇ ئۆيىنىڭ ئۆي بىجى ئۈچۈن 1مىليون دوللار تاپشۇرىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا بۇ داچىنى سالغاندا جەمئىي 500 مىڭ تال ياغاچ تاختا سەرپ قىلىنغان، جەمئىي 300 ئىشچى قۇرۇلۇشقا قاتناشقان بۇنىڭ ئارىسىدا 100 ئادەم ئېلېكترو مېخانىكا ئۇستىسى.

بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇغا بوش يەر تەييارلاش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار پاراخوت بىلەن  بۇ جايدىكى يەنە بىر ئۆينى يۆتكەپ كەتكەن. ھازىر بۇ ئۆي جورجىيە بوغوزىدا، بىل گەيتىس تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ يېنىدا.

بۇ داچىدىكى ساھىل قۇملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كارېب دېڭىزىدىن يۆتكەپ كەلگەن.

داچىدا يەنە چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار، كۆلچەكتە ھەتتا سۇ ئاستى ياڭراتقۇ ئورنىتىلغان.

بۇ داچا ئىگلىگەن ئورنى چوڭ، ئەسلىھەلىرى ھەشەمەتلىك بولۇپ قالماستىن يەنە ھەرخىل يۇقىرى تېخنىكا لايىھەلىرى ئورنىتىلغان.

داچىدىكى ھەممە ئۆيدە تېمپېراتۇرا تونۇش سىستېمىسى ئورنىتىلغان، بۇنىڭ بىلەن مېھمانلار ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسىنى كونترول قىلالايدۇ. مېھمانلار پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تېمپېراتۇرا ۋە يورۇقلۇق دەرىجىسىنى كىرگۈزسىلا بۇ سىسېتېما مېمانلار يۆتكەلگەن ئورۇنغا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا داچىنىڭ ئەتراپىغا ھەرخىل دەرەخلەر تىكىلگەن ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى داچىسىنىڭ ئىسسىقلىتا خورىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن.

بىل گەيتىس ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى بىر 40 ياشلىق دەرەخ، بۇ دەرەخ ماشىنا يولىنىڭ بويىغا تىكىلگەن، ئېلېكترونلۇق كۆزەتكۈچ بىلەن 24 سائەت كۆزىتىلىدۇ، يەنە ئاپتوماتىك سۇغۇرۇلىدۇ.

داچىنىڭ ھەممە يېرىدە كومپيۇتېر ئىكرانى بار(نېمىلا دېگەن بىلەن تېخنىكا ماگىناتىنىڭ ئۆيىدە) مېھمانلار تامدىكى ئىكراندا كۆرسىتىلىۋاتقان سەنئەت ئەسەرلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدۇ.

داچىدا يەنە 200 مېھماننى سىغدۇرالايدىغان زىياپەت زالى بار، ئالاھىدە كەچلىك زىياپەتلەرنى ئۆتكۈزۈشتە قەتئىي چاتاق يوق.

ئەلۋەتتە بۇنچە كۆپ ئادەم كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتا ئەلۋەتتە نۇرغۇن ھاجەتخانا كېتىدۇ، بۇ داچىدا 24 ھاجەتخانا بار، بۇنىڭ ئارىسىدا 10ىغا مۇنچا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئاشخانىدىن ئالتىسى بولۇپ ئايرىم ئايرىم داچىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، خىزمەتچىلەر ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلالايدۇ.

داچىدا يەنە بىر چوڭ تىپتىكى كۇتۇبخانا بار، بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىتاب ئىشكاپىغا بىر يوشۇرۇن قاۋاقخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتىتا بۇ كۇتۇپخانىدا يەنە بىل گەيتىس ئىلگىرى سېتىۋالغان داۋىنچنىڭ  16-ئەسردىكى قوليازمىسى ساقلانغان، باھاسى 30مىليون.

ئەلۋەتتە بۇنداق قالتىس ئۆيدە ئائىلە كىنوخانىسى دېگەندەكلەرنىڭ بولۇشى بەكلا نورمال ئىش، كىنوخانىنىڭ ئىچىدە كىرىسلولار تولۇق، ئاتقان قوناقلار يېتەرلىك.

بۇ داچىنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىدا 23 ماشىنا سىغىدۇ.

يەنە بۇ داچىدا بىر ئالتە مېتىرلىق ترامپولىن ئۆيى بار بۇ پەقەت سەكرەپ، تاقلاپ ئويناش ئۈچۈن قۇرۇلغان.

بۇنداق ئۆينى زىيارەت قىلىمەن دەپلا قىلغىلى بولمايدۇ، ئىلگىرى بىل گەيتىس كىم ئارتۇق ئۆتكۈزۈپ ئۇتۇپ چىققان ئادەمنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە كىرگەن كىرىمنى خەير ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى باھا چىقارغۇچى بىر مىكروسوفت خىزمەتچىسى بولۇپ ئۇ 35مىڭ دوللار خەجلىگەن.

35مىڭ دوللار خەجلەش پەقەت خوجايىننڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر قاراپ بېقىش ئۈچۈن...بۇ خىزمەتچىمۇ نېمىدىگەن پىداركار ھە ....



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
است گەپنى قىلغاندا، گۈلنەزەرنىڭ چولپان بولۇش يولى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەلدى. 2011-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، شاڭخەي «تاڭ سۇلالىسى كىشىلىرى» كىنو ئىشلەش شىركىتى بىلەن توختاملاشتى. 2011-يىلى «شۇەنيۇەن قىلىچى ئىز...
16-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
15-05-2016
5-ئاينىڭ 13-كۈنى، چەت ئەل كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك ئەر چولپان تام خېدلىستون (Tom Hiddleston) يېقىندا 007 نىڭ رېژىسسورى سام مېندېس (Sam Mendes) بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جامېس بوند (James Bond) ...
14-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي ئامېرىكا نيۇيورك، «دەرىجىدىن تاشقىرى ئايال قاتىل» داڭلىق ئارتىس كول مورېس (Chloë Moretz) رېستۇراندا پەيدا بولۇپ، ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىپ، ھەر خىل غەلىتە چىراي ئىپادىلىرىنى چىقاردى. ...
14-05-2016
ئەنگىلىيە مۇستەققىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپنىڭ ئىلگىرىكى خوجىدارى فەيسىبۇكتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىر ئىشپيۇن، ئۇنىڭغا ئۆل...
11-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) مۇخبىر يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق دوختۇر...
11-05-2016
       رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە يۇگۇ شىركىتى ھەر يىلى پۇقرالار ئارىسىدا ئېىپ بارىدىغان «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر تىزىملىكى» نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە ئ...
10-05-2016
    ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1...
10-05-2016
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: داڭلىق پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى برۇكلىن يېقىندا پراۋا ئالغان بولۇپ، 4-چىسلا ھەشەمەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا چەتئەل ماراقچىلىرى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنغان، برۇ...
Powered by Leglek