رۇسىيە بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىققاندىن كىيىن، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يامانلاشتى، رۇسىيە غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيىگە قاراتقان جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن تەدبىرلەرنى قوللاندى، يېقىندا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولدى، بۇ كەڭ دائىردە دىققەت قىلىشنى قوزغىدى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 11-ئىيۇلدىن باشلاپ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئالتە كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشدىكى ئىتتىپاقدىشى كۇبا بولدى. تاراتقۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇتىننىڭ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلاشقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا زىيارەتتە بولۇشدىكى مەقسىتى مەبلەغ سېلىش ۋە سودا قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشىشدىن ئىبارەت.
پۇتىن كۇبادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ تەخمىنەن 12 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ ئېنېرگىيە، سانائەت، داۋالاش ۋە ئاپەتتىن موداپىئەلىنىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. كۇبا ھۆكۈمەت تۈرىنىڭ ئوبزوردا خەۋەر قىلىنىشچە، رۇسىيە شىركەتلىرى كۇبانىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىكى نېفىت تۈرىگە قاتنىشىدىكەن ھەمدە كۇبانىڭ يېقىن دېڭىزدا نېفىت تەكشۈرۈشىگە ياردەملىشىدىكەن.
پۇتىن زىيارەت داۋامىدا يەنە مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ كۇبانىڭ مالىر پورتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەمدە يۈك تىرانسپورتى بىناسىغا ئىگە زامانىۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى تىرانسپورت ئالمىشىش بېكىتىنى قۇرۇش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
كۇبا ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بولغان بولۇپ، رۇسىيە بۇ قېتىم بۇنىڭ %90 نى كەچۈرۈم قىلدى، قالغان قىسمى بۇندىن كىيىن كۇبانىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
كۇبا دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى لاۋۇل كاستىرو مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشى رۇسىيە خەلقنىڭ كۇباغا قىلغان سېخىيلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.
كۇبا ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇلىرى يەنە پۇتىننىڭ 12-ئىيۇل كەچتە كۇبانىڭ سابىق رەھبىرى فېردىل كاستىرو بىلەن كۆرۈشكەن سۈرئىتىنى ئېلان قىلدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كۇبانىڭ ئېدولوگىيەسى بىردەك بولغان ۋە ئامېرىكىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇدىغان ئىتتىپاقداشقا ئايلانغان. بىراق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن، رۇسىيە بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتى يىراقلاشقان. پۇتىن 2000-يىلى 12-ئايدا كۇبادا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيە بۇ يىل 2-ئايدا كۇبا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ پورتىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتكۈل يەر شارى دائىرىسىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىنقى بىر قانچە ئايدا، ئاخبارات توپلايدىغان رۇسىيىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا كۆپ قېتىم توختىغان.
پۇتىن كۇبادىن ئايرىلغاندىن كىيىن، 12-ئىيۇل كەچتە نىكاراگۇۋاغا يېتىپ بېرىپ، زۇڭتۇڭ دانىر ئورتىجا بىلەن بىر سائەتچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئۇندىن كىيىن بىرازىلىيەدە زىيارەتتە بولغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، پوتىننىڭ بۇ قېتىم ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيىگە ھېسداشلىق قىلغان ياكى ئاز دېگەندىمۇ ئاشكارا تەنقىد قىلمىغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغانلىقىغا دىققەت قىلدى.
كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى برونو رودىرگىس بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنى جازالىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنا فىرناندىس بۇ يىل 3-ئايدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنى قىرىم مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەمنى يولغا قويدى، دەپ تەنقىد قىلغان، ئۇندىن باشقا بىرازىلىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيەنى 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن چىقىرىۋېتىشكە قارشى تۇرغان ئىدى.
پۇتىن بۇ قېتىمقى زىيارەتدىن بۇرۇن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ تاشقى ئاتموسفېرانى ھەربىيلەشتۈرۈش، خەلقئارا ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ناتسىستلارنى پەدەزلەشكە زەربە بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردىكى تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: پۇتىن لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولۇشتىن ئىلگىرى، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ نېفىت ۋە بائۇكسىت كانى بايلىقىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ۋە سودىدا پايدا يەتكۈزۈش ئارقىلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنى ئۆزىگە تارتىشنى پىلانلىغان.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى بۇندىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەگە بىر قاتار جازالارنى يولغا قويدى، شۇڭا پۇتىن يەنە بۇ قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى مەسخىرە قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved