ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى

‏ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى كۈچلۈك گۇمان قوزغىدى. پىيو تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: سىياسەتنىڭ قۇتۇپلىشىشى ئامېرىكىنىڭ 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. ھەممە كىشى ۋەزىيەتنى قانداق پەسەيتىش ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقاندا، بەزىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ۋاشىنگتوننىڭ سىياسىي قارالمىسىنى ئەمەس، بەلكى رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىشى كېرەك.


ئامېرىكا دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاس مۇنداق دەپ قارىدى: ۋاشىنگتوننىڭ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈن تەرتىپىنى ئاساس قىلىپ تەدبىر تۈزەش ئۇسۇلى خاتا. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ئىران قوللايدىغان جەنۇبىي قىسىم، مۇستەقىل كۇرۇتلار كونترول قىلىدىغان شىمالىي قىسىم ھەمدە ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تالىشىۋاتقان غەربى شىمالىي قىسىمغا بۆلۈنۈپ كېتىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئامېرىكا ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا. ھازىر ئامېرىكا ئىراق مەسىلىسىدە ئىران بىلەن ھەمكارلاشمىسا بولمايدۇ، سۇرىيە مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: ئافغانىستاندا ئىراقتىكى ئەھۋال قايتا كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دېدى.


ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق ئالدىدا، ئوباما ھۆكۈمىتى تىڭرىقاپ قالدى. ئامېرىكا ئەۋەتكەن 275 كىشىلىك قىسىم گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئەلچىخانىسىنى قوغدايمىز دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئوپېراتسىيە شەكلىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ. ئامالسىز ئەھۋالدا، ئىران بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىي تاللاش بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى: ئەگەر ئىران پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ مەلۇم تۆھپە قوشماقچى بولسا، بىز ئۇلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىشنى خالايمىز، دېدى.


ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشتا ئامېرىكىنىڭ كۆڭلىدە گۇمانى بار. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەل بۇلۇشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئىران بىلەن ھەرقانداق ماھىيەتلىك ھەمكارلاشمايدۇ، يەنى يادرو مەسىلىسى ھەل بولغاندىمۇ، ئىراننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، بۇ رايوندىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كېڭىشىشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتىكى ئىككى تەرەپنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا يەنە خېلى چوڭ ئىختىلاپى بار.


‏ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىرانلىقلار مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ سىياسىي مۇدىرى جامور ئابۇدى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار: بىرى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ رايوننى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئورتاق نىشانى بار، يەنى 1-، ئىسلام غازاتچىلىرى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراقتا داۋاملىق زورىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 2-، ئامېرىكا ئىرانغا ياردەم بېرىپ بۇ رايوندا ئاخبارات ئۇچۇرىغا ئىگە بولماقچى. ئىككى تەرەپ يارىشىشنى سىياسىي يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يەنىلا ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى نەتىجىسىگە باغلىق ھەمدە ئامېرىكا ئىراننىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىنى خالىمايدۇ، بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ھەمكارلىقىدىن ئەندىشە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەمكارلىققا پايدىسىز ئامىللار.

ئابۇدى مۇنداق دېدى: 2001-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندا ئىران بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش پۇرسىتى بولسىمۇ، كىچىك بوش ھۆكۈمىتى كۆرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا كۆۋرۈكنى بۇزۇۋەتتى. شۇڭا بۇ ئىرانلىقلارنىڭ كۆڭلىدە گۇمان قالدۇردى. ئوباما تەختكە چىققاندا ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ 1-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىدى، 2-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەندە ئامېرىكا ئىران بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، لېكىن ئىران بىلەن ئىراق مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئىختىلاپنى تۈگەتمەكچى بولغانلىقىدىن ياكى ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىدە ھەقىقىي ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس.


ۋاشىنگتون ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەلىم مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ۋە مالىك ھۆكۈمىتىنىڭ كۇرۇتلار ۋە سۈننىي مەزھەپتىكىلەرگە قاراتقان پوزىتىسىيەسى ھازىرقى ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوباما ھۆكۈمىتى ئەڭ كىچىك سېلىنما ئارقىلىق كىرىزىسنى ھەل قىلماقچى، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن ئىراق مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە بۇرۇلۇش بولۇشقا تۈرتكە بولالمايدۇ.


ھازىرغىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى قوللانغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى يۈزەكى ھەل قىلىش تەدبىرى خالاس. ئامېرىكىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئالدىدا، ئوباما ھۆكۈمىتى ئامالسىز قالدى.



خەتكۈچلەر:
21-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek