شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

      دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سالمان، ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى سېسى، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 19-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا، ئىستانسىمىز مۇخبىرى جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى باش ئەلچىسى لى چېڭۋېن بىلەن ئىراننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ئەلى ئەسقەر ھاجىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. جۇڭگونىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى باش ئەلچىسى لى چېڭۋېن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى يارقىن نۇقتا شۇكى، بىرىنچىدىن، ئۆلچىمى يۇقىرى. بۇ قېتىمقى زىيارەت-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى زىيارىتى، سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، چۈنكى بۇ-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇشى، بۇ زىيارەتنىڭ بىرىنچى بېكىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قىسىم ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلدى.

     بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمى يۇقىرى، ھەتتا ئۆلچەمدىن ھالقىيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى-جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق شېرىكى. 2014-يىلى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 69 مىليارد يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان مەزگىلدىكىنىڭ 230 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودىسى تېز ئاشتى، سودا تۈرلىرىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، نىزالار ئاز بولدى، ئىقتىساد-سودا تەرەققىياتى ناھايىتى كۈچلۈك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. باش ئەلچى لى چېڭۋېن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭدىكى بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك شۇكى، نەتىجە كۆپ بولىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولىدۇ، بۇ ھۆججەتلەر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسى، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە تىرىلمە ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بولۇپمۇ بىر بەلباغ، بىر يول، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ. دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىمۇ جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەمكارلىقىنىڭ بىر مۇھىم تەرىپىگە ئايلىنىدۇ. باش ئەلچى لى چېڭۋېن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە، ئىككى تەرەپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرىدۇ دېدى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشقا يەنە مىسىر ۋە ئىراندا زىيارەتتە بولىدۇ. ئىراننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى ئەلى ئەسقەر ھاجىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ھەمكارلىقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئىرانغا قىلغان زىيارىتى-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدىكەن. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقى جاكارلىنىدىكەن، بۇ-ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدىكەن شۇنداقلا بىر يېڭى نامايەندىگە ئايلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ ئىراندا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى، سانائەت ھەمكارلىقى، يىپەك يولى، تۆمۈريول قاتنىشى، سۇ قاتنىشى، پورت ۋە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەرنى كېڭىشىدىكەن. زىيارەتتە، باش ئەلچى ئەلى ئەسقەر ھاجى ئىران رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى كۈچلۈك قارشى ئالىدۇ، ئىراننىڭ بۇ جەرياندا، تېخىمۇ مۇھىم ئۆزگىچە رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek