فىرانسىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى 22-ئۆكتەبىر كەچتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى شۇ كۈنى كىچىك تىپتىكى دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىنى ئىچىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە ئافرىقا سەھرايى كەبىر رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى ھەمدە ئىبولا يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كونتىرول قىلىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئاخبارتتا مۇنداق دېيىلدى: فىرانسىيە ئىراقتىكى تېررورچى تەشكىلاتنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ، ھەمدە ئىراق دائىرىلىرىنىڭ پۈتكۈل چېگرا ئىچىدە ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. فرانسىيە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئىراقتا رازۋېدكا قىلىش ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ھوللاندى مۇنداق دېدى: فرانسىيە گۋېنىيەنىڭ ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالىنى قوللاشنى كۈچەيتىدۇ، فرانسىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن مەبلىغى 100 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved