ھەر كۈنى ئەتىگەن، كەچتە تەركىبىدە فىتور بولغان چىش پاستىسى بىلەن چىشنى چوتكىلاپ بېرىش چىشنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىنىڭ تەن سالامەتلىكىگىمۇ پايدىلىق.
يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى: چىش قاتمىلىرىنى تازىلاش، چىش يىلتىزىنى تۈزلەش ئوپېراتسىيەسى ۋە چىش مىلىكى كېسەللىكىنى ئانتىبىيوتىك دورىلار بىلەن داۋالاش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئاۋسترالىيە سېدنىي چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تاماملىغان يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىر چىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 70 كىشى چىشىنى تارتقۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، ياللۇغ پەيدا قىلىدىغان ئاقسىل مىقدارى تېز تۆۋەنلىگەن. چىشتىكى باكتېرىيەلەر چىش مىلىكىدىكى قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرىپ ئادەم تېنىدە يېڭى يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىپ، قان تومۇر توسۇلۇش خەتىرىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن. چىش كېسەللىكى يەنە سەكتىنىڭ خەتىرىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن. 9000 كىشى ئۈستىدە 15 يىل ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، چىش مىلىكى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيەلەر ئاياللارنىڭ سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئىككى ھەسسە يۇقىرىلىتىۋېتىدىكەن.
قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ: ئافېنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سوزۇلما خاراكتېرلىك چىش مىلىكى كېسەللىكى بىلەن قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.
ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ: تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئامېرىكا چىش ئەتراپى ياللۇغى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە، ئېغىز بوشلۇقى باكتېرىيەلىرى ۋە باشقا كېسەللىك باكتېرىيەلىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئۆپكىسىگە كىرىپ ياللۇغ قوزغايدىكەن.
دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: ئامېرىكا مەملىكەتلىك دىيابېت كېسەللىكى ۋە بۆرەك كېسىلى تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، چىش ئەتراپى كېسەللىكى ۋە دىيابېت كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشنىڭ باغلىنىشى بار ئىكەن. ئەنگلىيە نېۋكاستىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە دىيابېت كېسىلى چىش ئەتراپى كېسەللىكى خەتىرىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن. چىش ئەتراپى كېسەللىكى قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلىش دەرىجىسىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
نورمال تۇغۇشقا پايدىلىق: تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە چىش مىلىكى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئامېرىكا ئالاباما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىش كېسەللىكى پروستاگلاندىننىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش خەتىرىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قورساق كۆتۈرگىنىگە 35 ھەپتە بولمىغان ئاياللار چىش قاتمىسىنى تازىلاپ، چىش يىلتىزىنى تۈزلەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش خەتىرىنى %84 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
سۆڭەكنى چىڭىتىدۇ: چىش مىلىكى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ چىشى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدىغان سۆڭەكلىرىدىمۇ سۆڭەك ماددىسى زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ چىشى چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. چىش كېسەللىكى يەنە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ دەسلەپكى سىگناللىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ: ئامېرىكىدا 11 مىڭ ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، چىشى ساغلام كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېغىر دەرىجىدىكى چىش كېسىلى بارلارنىڭ 64 ياشتىن ئىلگىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved