يېقىندا، داڭلىق پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو دۇنيا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەتتە ئۇ ياش ۋاقتىدىكى تىرىشچانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن، ھەمدە كەلگۈسىدىكى پىلانىنىمۇ ئاشكارلىغان.
كىرىستىيانو رونالدو: «كىچىك ۋاقتىمىزدىن باشلاپلا كەلگۈسىمىزنى پىلانلاپ ياشايمىز، مەن 27 ۋاقتىمدا ئۆز نامىمدىكى ماركىنى بارلىققا كەلتۈردۈم، مەن ماركامنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بەش يىل، ئالتە يىل، ۋە ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 يىلدىن كېيىن پۇتبولچىلىق ھاياتىم ئاخىرلىشىدۇ. كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىم ئاخىرلاشقاندا، مەن مەشقاۋۇل ياكى بىرەر كۇلۇبنىڭ رەئىسى بولمايمەن، كۇلۇبنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغىمۇ كىرمەيمەن»، دېگەن.
ئۇ يەنە «كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن تۇرمۇشتىن ھوزۇر سۈرۈشنى ئويلايمەن، كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. سىز بەلكىم مېنى ياخشى بىر كەسپى بار، ماشىنا ۋە ھەشەمەتلىك داچىسى بار دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ مىنىڭ بارلىقىم ئەمەس».
«مەن 11 ياش ۋاقتىمدىلا ئائىلەمدىن ئايرىلىپ، باشقا بىر پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان دۇنياغا قەدەم قويغان. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ رىسبىر رېقابەت ۋە مانچېستىر بىرلەشمىسىدە توپ تەپتىم. 11 يېشىمدىن 18 يېشىمغىچە، ئىزچىل مۇقىم تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدىم، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئائىلەمدىكىلەرگە ھەمراھ بولالمىدىم، شۇنداق قېيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ئۇتۇققا ئېرىشكەنمەن» رونالدو بالىلىقىنى ئەسلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن.
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved