جاھان ئاگېنتلىقى 13-مارت خەۋىرى؛لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىشغالىيىتىگە ۋە مالىكى ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەردىن، ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ھەيئىتىنىڭ باش كاتىبى ھارىس دارى ئىستانبۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «شەيىخ ھارىس رارىنىڭ ۋاپاتى سەۋەبىدىن قايغۇرغانلىقى» بىلدۈرۈلدى. ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقى ھەيئىتى باياناتچىسى پروفىسور دوكتۇر يەھيا تائىي، 74 ياشلىق شەيىخ ھارىس دارىينىڭ ئىستانبۇلدىكى شەخسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئەھۋالدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقتىكى مەشھۇر سۈننىي مەزھىبىدىكى ئۆلىمالاردىن بىرى بولغان شەيىخ ھارىس دارى، 1941-يىلى باغدادنىڭ ئەبۇ غەرىب رايۇنىدا دۇنياغا كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ 2003-يىلىدىكى ئىراققا مۇداخىلە قىلىشدىن كېيىن، شەيىخ دارى ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا ياشىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشىغا ۋە ئىراقتىكى شىئە مالىكى ھۆكۈمىتىگە قارشى باشلامچى ئۆكتىچىلەردىن ئىدى.
مالىكىيغا قارشى قوزغىلاڭ چاقىرىقى
دارى 2012-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئىراق خەلقىگە ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىراق پرېزىدېنتى نۇرى مالىكى ھۆكۈمىتىگە قارشى تېنچ ئىنقلاب قوزغاشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇ چاقىرىقتا مالىكىنى ئىراقنى ئىرانغا ئوخشاش بىر پارتىيەلىك، بىر شەكىللىك، بىر مەزھەبلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرماقچى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
ھارىس دارى، ئۆزى قۇرغان ئىراق مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىبلىق ۋەزىپىسىنى ھازىرغا قەدەر ئۆتىگەن بولۇپ، بۇ ئىتتىپاق ئىراقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىلمى ئورگىنى ۋە ئەڭ مۇھىم ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرىدۇر.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved