جاھان ئاگېنتلىقى 1-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: قىرىم تاتار تېلىۋېزىيسى «ATR
» نىڭ تارقىتىلىشى روسىيە تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن توختىتىلدى. مەجلىس باشلىقى ياردەمچىسى ئۆمەروۋنىڭ ئۆيى ساقچىلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ATR غا ياردەم ھەرىكىتىنى تەشكىللىمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.
قىرىم تاتار تېلىۋېزىيىسى ATR ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بالىلار قانىلى «لالە»، مەيدان رادىئوسى ۋە 15 مىنۇتلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقى، تەشۋىقات ئورگانلىرىغا پائالىيەت قىلىش رۇخسىتى بېرىدىغان روسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن رۇخسەت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن تارقىتىشنى توختاتتى.
تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىگىسى Lenur İslamov، قانالنى سېتىش ھەققىدە تەكلىپ كەلگەنلىكىنى ئەمما بۇ تەكلىپلەرنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسلاموۋ، «بۇ تۇپراقلارنىڭ ئىگىسى بىز. بىز بۇ تۇپراقلاردا ئۆز پىرىنسىپلىرىمىزنى ۋە مىللى مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كىرەك. ئەھۋال مانا مۇشۇ، بۇندىن كېيىنمۇ ئوخشاش بولىدۇ» دېدى.
قىرىم ئۆتكەن يىلى روسىيەگە قۇشۇۋېتىلگەندىن كېيىن ATR ئورگىنى، روسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 4 قېتىم ئىلتىماس قىلغان. ئۈچ قېتىملىق ئىلتىماس رەت قىلىنغان، 4-قېتىملىقىغا تېخىچە جاۋاب كەلمىگەن ئىدى.
قىرىم تاتار تېلىۋېزىيە قانىلى 2006-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىشنى باشلىغان تۇنجى مۇستەقىل تېلىۋزىيە قانىلى بولۇپ، تاتارچە، روسچە ۋە ئۇكرائىنىيەچە تىللاردا تارقىتىلاتتى.
قانال توختىتىلغاندىن كېيىن قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى باشلىقى ياردەمچىسى ۋە سابىق باغچە ساراي ۋالىسى ئىلمى ئۆمەروۋنىڭ ئۆيى ساقچىلار تەرىپىدىن بېسىلىپ، ئۆيى تەكشۈرۈلدى ۋە ھېچقانداق نەرسە بايقالمىدى. ئۆمەرۋو، روسىيە سوراقچىلىرى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن 7 سائەت سوراق قىلىندى.
ئىلمى ئۆمەروۋ، قىرىم ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇكرائىنيەدىن ئايرىلىپ روسىيەگە قۇشۇلىشى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قۇيۇشقا قارشى قىرىم تاتارلىرىنىڭ 2014-يىلى 26-فېۋرالدا ئېلىپ بارغان بىر توپلىشىشدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ئالاقىدار ئېچىلغان داۋا ھەققىدە سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆمەروۋ، ATR غا ياردەم ھەرىكتى تەشكىللىمەسلىك ھەققىدە روسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ATR غا ياردەم ھەرىكىتى تەشكىللىمەسلىك ھەققىدە قىرىم تاتار مىللى مەجلىسىنىڭ باشقا بىر مۇئاۋىن باشلىقى نەرىمان جەلالمۇ ئاگاھلاندۇرۇلدى.
قىرىم ئاپتۇنۇم جۇمھۇرىيتى 2014-يىلى 16-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تاتارلار تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنغان ئاۋازغا قۇيۇش نەتىجىسىدە روسىيەگە قۇشۇۋېتىلگەن ئىدى. يۈز مىڭلىغان قىرىم تاتارلىرى 1944-يىلىدا سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبىرى سىتالىن تەرىپىدىن يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇكرائىنىيەلىك ۋە روسىيەلىكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ؛ ئادرېسى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved