بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.يېقىندا موسكۋاغا ساياھەتكە بارغان ساياھەتچىلەر كېرمىل سارىيىغا يېقىن جايدىكى قۇتقۇزغۇچى مۇنارنىڭ تاختىپەر ۋە ئورىما رەخت بىلەن ئورىلىپ تۇرغانلىقىنى مۇناردىكى ھەيۋەتلىك چوڭ سائەتنى كۆرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ،مۇنارنىڭ بىرەر خىشنى كۆرمەكنىڭمۇ تەس ئىكەنلىكىنى بايقىدى .
ئەسلىدە قۇتقۇزغۇچى مۇنارى قەرەللىك رېمونت قىلىنىۋاتقان ئىكەن ،قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار مۇنار بىناسىنىڭ سىرتقى تېمى ۋە ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈپ مۇستەھكەملىگەندىن سىرت مۇنار بىناسىدىكى ۋاقىتنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدىغان چوڭ سائەتنىمۇ ۋاقىتلىق چۇۋۇپ تەكشۈرۈۋاتقان ئىكەن .
ھەر يىلى مىلاد بايرىمىنىڭ ھارپا كېچىسى قۇتقۇزغۇچى مۇنار موسكۋادىكى ئاساسلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ توپلىشىش جايى قىلىنىدۇ .كىشىلەر سائەتنىڭ ياڭراق ساداسى ۋە كۆزنى چاقنىتىدىغان ئوت يالقۇنىدا ۋاقىتنى بىرلىكتە تەتۈر ساناپ يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋالىدۇ.
بۇ يىل مۇنار بىناسى رېمونت قىلىنىۋاتقان بولغاچقا ،ھارپا كېچىسى چوڭ سائەتنى كۆرۈش ئەنئەنىۋى پائالىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىدى .
قۇتقۇزغۇچى مۇنارى مىلادىيە 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا سېلىنغان بۇلۇپ ،شۇ چاغدا پەقەت بىرئون قەۋەتلىك قىزىل خش مۇنارى ئىدى . كېيىنچە كىشىلەر سائەتلىك بىنانى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە رېمونت قىلىپ تۇرغاچقا قۇتقۇزغۇچى مۇنارى بارا بارا موسكۋانىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى .ئىگىلىنىشىچە بۇ قېتىمقى رېمونت قىلىش تۈرى 2015-يىلى ئاپرىلغىچە داۋام قىلىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved