چوڭ تىپتىكى تور تەشۋىقات پائالىيىتى ــ «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن» باشلاندى

بىر پارچە ئەتلەس لېنتا بىپايان كوئېنلۇن باغرىدىن مودا ئېقىمنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان شاڭخەي ساھىلىگە لەپىلدەپ يېتىپ كەلدى. «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇزۇن سەپىرى ۋە ئىجادىي مەھسۇلاتلار بىلەن شاڭخەيدە ئۇچرىشىش يىغىنى» 23-ئىيۇن شاڭخەيدە داغدۇغىلىق باشلاندى. پائالىيەت ئارقىلىق، بۇ ئەتلەس لېنتا شاڭخەيدىن باشقا ئۆلكە-شەھەرلىرىدىمۇ چاقنىغۇسى!
ئەتلەس ــ يىپەك يولىدىكى تىرىك تاشقاتما، 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئاخىرقى يىپەك قول ھۈنەر سەنئىتى ۋە مىڭ يىل كۆمۈلۈپ ياتقان مودىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى جۇلاسى.
ئىشىنىمىزكى، «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن» پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنتلىرىنىڭ جاي-جايلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، يېزا ئاممىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ساپاسىنى يېتىشتۈرىدۇ، ئەتلەسنى شىنجاڭدىن دۇنياغا يۈزلەندۈرىدۇ.
تورىمىزدا بۈگۈندىن باشلاپ «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن» مەخسۇس سەھىپىسى ئېچىلىپ، ئەتلەسكە ئالاقىدار بىر قاتار ھېكايىلەر مەركەزلىك بايان قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئەتلەس بىلەن تونۇشىدۇ، شىنجاڭنى چۈشىنىدۇ.
تەڭرىتاغ تورى شاڭخەي خەۋىرى: كۆركەم، يارقىن ئەتلەس مودا مەركىزى شاڭخەيدە جۇلالاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات پائالىيىتى «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن» 23-ئىيۇن شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى. يۈرۈشلۈك پائالىيەتنىڭ بىرى بولغان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇزۇن سەپىرى ۋە ئىجادىي مەھسۇلاتلار بىلەن شاڭخەيدە ئۇچرىشىش يىغىنى››مۇ تەڭلا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ باشقۇرغان، شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قانىلى، «دېخۇي» گۇرۇھى، شاڭخەي «جۇڭيىڭ» ئۆي سېتىۋېلىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. پائالىيەت دۆلەتنىڭ «توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش» ئىستراتېگىيەسىگە زىچ باغلانغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەتلەسنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا شىنجاڭنىڭ 60 يىللىق شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئاچىدۇ.
پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا چوڭ تىپتىكى مودا كىيىم كۆرگەزمىسى «مودا ئەتلەس» ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭلىق كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچى ئەتلەسنى ئىجادىيەت ئامىلى قىلىپ، ئەل ئىچى قول ھۈنەر سەنئىتىنى زامانىۋى ئىدىيە ۋە خەلقئارا بازار ئېھتىياجى بىلەن مۇكەممەل ماسلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئەتلەسنى زامانىۋى مودىلىققا ئىگە قىلدى.
«ئەتلەس ماكانى» شىنجاڭ خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسىدىن كەلگەن ئەتلەس قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ 5-ئەۋلاد ۋارىسى ئەمەر ئەلىنىڭ ئۆز قولىدا بويىغان ئەتلەس رەختنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى بىلەنلا مەيداندا گۈلدۈراس چاۋاك ساداسى ياڭراپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ، كۆزلەر جۇلالىق ھەم رەڭدار ئەتلەسكە تىكىلدى.
ئۈچ نەپەر ياش لايىھەلىگۈچى ئۆزلىرىنىڭ ئەتلەس مەھسۇلاتلىرىنى پائالىيەت مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ياشلىقىنى مىللىي ئىجادىيەت-لايىھەلەش كەسپىگە بېغىشلاپ، زامانىۋى، مىللىي، ئىجادىي قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ يېڭى دەرۋازىسىنى ئاچتى، شۇنداقلا مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ئەتلەسنى زامانىۋى تۇرمۇشقا باشلاپ كىردى.
پائالىيەتنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان باسقۇچى «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن» ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەش مۇسابىقىسىگە مۇكاپات تارقىتىش بولدى. «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن» ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى لايىھەلەش مۇسابىقىسى بۇ يىل ئاپرېلدا باشلانغاندىن بۇيان، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى مەملىكەت ئىچىدىن لايىھەلەش ھەۋەسكارلىرى ئەۋەتكەن 482 ئىجادىي مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇۋالغان، مۇسابىقە 22-ئىيۇن ئاياغلاشقۇچە 13 گۇرۇپپا مەھسۇلات ئۇتۇپ چىققان.
بۇ كۈنى، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن پائالىيەت نەق مەيدانىغا يەنە كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىپ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان كىيىم-كېچەك، شارپا، پوسما، ئاياغ، قول ھۈنەر بۇيۇمى، سومكا، ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار قاتارلىق ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمىگە قويدى.
ئىگىلىنىشىچە، «ئەتلەستىن چاقنىغان كوئېنلۇن» دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بۇ يىللىق مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تۈر قاتارىدا سۇنغان تور تەشۋىقات-مەدەنىيەت پائالىيىتىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، داڭلىق ئەتلەس لايىھەلىگۈچىلىرى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش، ئەتلەس كىيىملىك گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسى، توردا ئەتلەس مەستانىلىرىنى توپلاش، «مېنى ياخشى كۆرسىڭىز قۇچاقلاپ قويۇڭ» ناملىق يېڭى تاراتقۇ پائالىيىتى، ئەتلەس ئىجادىيىتى يېزا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەيدانىغا ۋىۋىسكا ئېسىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇيۇشتۇرۇغۇچى تەرەپ پۈتۈن تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق، ئەتلەسنى شىنجاڭنىڭ نام كارتوچكىسى قىلىپ، شىنجاڭدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئەتلەس ئىجادىيىتى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ۋە بۇ تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتلەس مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، ئەتلەس كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
شاڭخەيدىكى پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، بېيجىڭ، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردىمۇ بۇ تۈرلۈك پائالىيەت داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
24-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
23-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 22-چېسلا سەھەردە فىلىپپىن پايتەختىنىڭ چوڭ مانىلا رايونىدا ئاياغلاشقان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىن بىر شۇم خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەش تاماشىب...
Powered by Leglek