ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەمدىكى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، سەمرىپ كېتىش بىلەن قېنىپ ئۇخلىماسلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى زور ئىكەن. شۇڭا سەمرىپ كەتكەنلەرگە تەتقىقاتچىلار «قېنىپ ئۇخلاڭ» دېگەن يېڭى رېتسىپنى يۈز بېرىدىكەن.
ئالىملار قۇرامىغا يەتكەن 18مىڭ ئادەمنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقارغان: ئادەم ئادەتتە بىر كۈندە يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلىشى كېرەك، بۇ ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا بىر كېچىدە تۆت سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ سەمرىپ كېتىش نىسبىتى %73بولىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش ۋە ئالتە سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ سەمرىپ كېتىش نىسبىتى%50 ۋە%23 بولىدۇ.
تەتقىقاتقا قاتناشقان مۇتەخەسسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن ئىلمىي پاكىتلار ئۇيقۇ بىلەن غىزالىنىشنى باشقۇرۇدىغان تۈرلۈك نېرۋىلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قېنىپ ئۇخلىماسلىق قان تەركىۋىدىكى ئىشتىھانى تىزگىنلەيدىغان ئورۇقلىتىش ئاقسىلىنىڭ سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بۇ چوڭ مېڭىنىڭ تويغان-تويمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرېتىدىكەن ھەم ئادەم بەدىننىڭ ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھورمۇنىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved