جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىران ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران مەدەنىيەت ۋە ئىسلام يېتەكچىلىك مىنىستىرلىقى: ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ھەج ئايروپىلانىنى ۋاختىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.
ئىران مەدەنىيەت ۋە ئىسلام يېتەكچىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جانات تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىرانلىق ئىككى ياش سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن ئاختۇرۇلۇپ دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقتىن، شۇ كۈندىن باشلاپ ئىران سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ھەج ئايروپىلانىنى ۋاختىنچە توختاتتى.
جانات مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئىرانغا ۋەقەگە چېتىشلىق تەكشۈرۈش خادىمىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقانتى، بىراق ھازىرغىچە ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. بىز سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقەگە چېتىشلىق تەكشۈرگۈچى خادىمنى قولغا ئېلىشى ۋە ئۇنى جازالىشىنى كۈتمەكتىمىز.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved