ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاياللار ياۋروپانى ياخشى كۆرىدىكەن. ئەگەر دۆلەتكە قايتىش ياكى ياۋروپادا قېلىپ قېلىش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلىش توغرا كەلسە نۇرغۇنلىغان ئاياللار ياۋروپادا قېلىپ قالىدىكەن.
ئۇنداقتا، تېخىمۇ كۆپ بولغان جۇڭگولۇق ئاياللارنىڭ ياۋروپادا قېلىشنى تاللاشتىكى سەۋەبلىرى قايسىلار؟ بۇ يەردە كۆپچىلىككە بىر ئېنىق بولغان جاۋابنى چىقىرىپ بېرەيلى.
1.جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن ئۆيدە ئايال خوجايىن بولۇش تەس.
جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن ئۆيدە ئايال خوجايىن بولۇش ھەقىقەتەن بەك تەس، چۈنكى ئۆيدە ئايال خوجايىن بولۇش ياۋروپاغا قارىغاندا جۇڭگودا بىر قەدەر تەس. بىر ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەتەنگە قايتىپ بىر ئاي ئىچىدىلا ناھايىتى كۆنەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلغان. بالىسىغا نېمە ئالسا ئەندىشە قىلغان، يەنى يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلەرنىڭ سۈپىتىدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەن. كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ كەلسە ئۆيدە ئادالاپ، تازلىمىسا تېخى. ياۋروپادا بولسا سېتىۋالغان كۆكتاتلارنى يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، چايقىۋەتسىلا بولىدىكەن. يەنە كېلىپ ياۋروپادا ھەم ئەرزان ھەم يېيىشلىك بولغان يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار كۆپ ئىكەن، بۇ دەل ئۆيدىكى ئايال خوجايىنلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولغان تاللاش ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگودا بولسا ئۆيدە تاماق قىلغۇسى كەلمىگەندە سىرتتا تاماق يەي دېسە كىچىك ئاشخانىلاردىن ئەنسىرەپ يېيىشكە پېتىنالمىغان، چوڭ ھەم ئېسىل ئاشخانىلار بولسا ناھايىتى قىممەت ئىكەن. ياۋروپادا بولسا بۇنداق چاغدا ناھايىتى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىكەن. ھەم ئاددىي ھەم ئىشەنچىلىك بولغان تاماقلارنى يېگىلى بولىدىكەن.
2.جۇڭگونىڭ تازلىق شارائىتى ياخشى ئەمەس.
لىيۇ خانىم ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا قايتىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ تۇرمۇش تازلىق شارائىتىنىڭ ناچار بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بالىسىنى ئېلىپ ۋەتەنگە تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كېلىپ قايتقىنىدا ياۋروپادىكى ئوقۇتقۇچىسى بالىسىدىن: «ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ پەرقىنى بىلدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغان. بۇ چاغدا بالا ئىككىلەنمەيلا: « جۇڭگو بەك مەينەتكەن، ھاجەتخانىلار ناھايىتى سېسىق ئىكەن» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بالىسىنى ئېلىپ ۋەتەنگە قايتقان مەزگىلدە بالىسى سىرتتىكى ھاجەتخانىلارغا كىرگىلى ئۇنىمىغان، بالىسىنىڭ قارىشىچە جۇڭگونىڭ سىرتتىكى ئاممىۋىي ھاجەتخانىلىرى ناھايىتى مەينەت ھەم سېسىق ئىكەن. ھەر قېتىم سىرتقا چىققاندا تەرىتى قىستاپ كەتسىمۇ، ئۆيگە ياكى مېھمانخانىغا قايتىپ كەلگۈچە چىدىغان. شۇڭا لىيۇ خانىم بۇنداق ئەھۋالدا بالىنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ كېلىپ تۇرغۇزۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتقان.
3.ۋەتەنگە قايتىپ بازار چۆرگىلەپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ناھايىتى مەنىسىز.
بازار ئايلىنىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسىم. ياۋروپادا 10 نەچچە يىل ياشىغان لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بازار ئايلىنىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. بىر نەرسە سېتىۋالمىسىمۇ ئەتراپتىكى بىر قىسىم سودا سارايلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ھەر يىلى ئوخشاش بولمىغان پەسىلدىكى يېڭى مودىلارنى كۆرۈپ باقىدىكەن. ئەگەر باھاسىنى چۈشۈرگەن، ئېتىبار پائالىيەتلىرى بولغان پۇرسەتلەرگە ئۇچراپ قالسا تەبىئىيلا نەرسە سېتىۋېلىش قىزىقىشى پەيدا بولىدىكەن. ياۋروپادا تۇرغان ۋاقتى ئۇزۇرغانسېرى ۋەتەنگە قايتىپ بازار ئايلىنىپ نەرسە سېتىۋالاي دېسە ھېچقانداق قىزىقىش تاپالمايدىكەن. كىشىلەردىن سورىسا ھەممىسى دېگۈدەك تاۋباۋ تورىدىن مال سېتىۋالغان،لېكىن سېتىۋېلىپ كەلگىنى بولسا ساختا مال.
4.ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن نېمىلا ئىش قىلسا بىر كىملەرگە يالۋۇرىدىغان گەپ.
10نەچچە يىل چەتئەلدە ياشىغان جاۋ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگودا نېمىلا ئىش قىلسا باشقىلارنىڭ چىرايىغا قارايدىغان بۇ خىل ئىشتىن ناھايىتى بىئارام بولىدىكەن. بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىگە قەتئىي كۆنەلمىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆز ئاچىسى بالىسىنىڭ ئوقۇش ئىشى ئۈچۈن ھەر ئاماللارنى قىلىپ مۇناسىۋەت ئىزدەپ باشقىلاردىن بىر ئىشلارنى ئۆتۈنگەن. ياۋروپادا ناھايىتى ئاددىيلا پۈتىدىغان ئىشلار ۋەتىنىمىزدە ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ كېتىدىكەن. بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى بولۇپلا قالماي، يەنە دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، ياشانغانلارنىڭ ساناتورىيىگە كىرىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك مۇرەككەپ بولۇپ، مۇناسىۋەت ئىزدەشكە توغرا كېلىدىكەن. ئەگەر بىر كىشىنىڭ ياۋروپادا تۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولسا جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارغا كۆنەلىشى بەك تەس ئىكەن. كېيىن بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى ئويلىشىپ، ۋەتەنگە قايتسا ھەممە ئىشتا كىشىدىن ئۆتۈنىدىغان ئىش بولسا يەنىلا ياۋروپادا قېلىپ قالغان ياخشى.
5.ياۋروپا ئاجراشقان ئاياللارغا تېخىمۇ بەك ماس كېلىدىكەن.
ئاللىقاچان ئۆزىنى توختاتقان جاڭ خانىم ئاجراشقان ئايال بولۇپ، بالىسىنى ئۆزى بېقىپ كېلىۋاتقان قەيسەر ئاياللارنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئەگەر ۋەتەنگە قايتسا ئۆزىنىڭ بېسىمى ناھايىتى ئېشىپ كېتىدىكەن. ئاتا-ئانىسى بىر قانچە ئەرنى تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، بالىسى بارلىقىنى ھەم بالىسىنى بىللەن ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا ھېلىقى ئەرلەر يوقالغان. لېكىن ياۋروپالىقلار بۇنداق ئىشقا نىسبەتەن ناھايىتى كەڭرى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر بىر ياۋروپالىق بىلەن ئارلىشۋاتقانلىقىنى، ئۇ ئەرنىڭ بالىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەتتا توي قىلغاندىن كېيىن بالىلىق بولماي مۇشۇ بالىنىلا باقايلى دېگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇڭا جاڭ خانىم گەرچە ۋەتەنگە قايتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر يەنىلا ياۋروپادا قالسا بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. ياۋروپا جەمئىيىتى ھەقىقەتەن ئاجراشقان ئاياللارغا بەكرەك ماس كېلىدىكەن.
6. ياۋروپادا خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئاددىي ئىكەن.
شىركەتتە خىزمەت قىلىدىغان ۋاڭ خانىمنىڭ قارىشىچە، ياۋروپانىڭ خىزمەتداشلىق مۇناسۋىتى جۇڭگوغا قارىغاندا كۆپ ئاددىي ئىكەن. خىزمەتداشلار ئارىسىدا بولسۇن، ياكى باشلىقى بىلەن بولسۇن ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت بىر قەدەر ساپ ھەم سەمىمىي بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىگە ئوخشاش بىر كىشى ئەگەر ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلسا كۆنەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپكەن. مەسىلەن: ياۋروپادا يېڭى يىل كەلسە يېڭى يىل ئاتكىرىتكىسى بەرسىلا تۈگەيدىكەن. جۇڭگودا بولسا ئالدىن ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزىنىڭ باشلىقىغا چوڭ سوۋغا تەييارلىمىسا بولمايدىكەن. خىزمەت مۇھىتىدىن قارىغاندىمۇ، ۋاڭ خانىم يەنىلا ياۋروپادا قېلىشنى خالىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved