بارسېلونا كوماندىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مۇسابىقە ئوينىغاندا كىيىدىغان كىيمىنىڭ مەيدىسى تەرىپىدىكى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ۋەكىللىك قىلدىغان بەلگىسىنى ئېلىۋەتتى. لېكىن شۇ بەلگىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن مادرىد كوماندىسى 55 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان مۇسابىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بارسېلوناغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن كوماندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر كوماندىنىڭ مۇسابىقە كىيمىنىڭ ئالدىغا دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەلگىنى چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. بارسېلونا كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن مادرىد كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە بەلگە چۈشۈرۈلمىگەن كىيىمنى كىيىپ مۇسابىقە ئويناشقا مەجبۇر بولدى. مادرىد توپ مەستانلىرى بۇ خىل بەلگىنى مۇھىم دەپ بىلگەچكە بېنتىز بۇ توغىرسىدا سورالغان سوئاللارغا: «دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بەلگە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلىقىنىڭ بەلگىسى ئەمەس بەلكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ بەلگىسى» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىگەن.
بالىكانۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مادرىد كوماندىسى گەرچە بىر مەھەل ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىشەنچىسىنى يوقاتماي، مەيداندىكى ۋەزىپىسىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە بارسېلونا بىلەن بولغان نومۇر پەرقىنى 2 نومۇرغا چۈشۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە مادرىد كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلغان 1600-مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ، بارسېلونا كوماندسىنىڭ غەلبە قىلغان مەيدان سانى 1535 مەيداندىن ئېشىپ كەتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ كۇلۇب تارىخىدىكى 10 دىن كۆپ توپ ئۇرغان 4-مەيدان مۇسابىقىسى.
خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 1943-يىلى بارسېلونا كوماندىسىغا 11 توپ ئۇرغان (11-1)
1959-يىلى لاس پارمىلاس كوماندىسىغا 10 توپ ئۇرغان (10-1)
1969-يىلى چىرچى كوماندىسىغا 11 توپ ئۇرغان
(11-2)
2015-يىلى بالىكانۇ كوماندىسىغا 10 توپ ئۇرغان
(10-2)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved