مالايسىيا ئايروپىلانىنىڭ بۇلانغانلىقىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

 مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى بۇلاپ كېتىلگەن بۇلۇپ ، ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار مالايسىيا ھۆكۈمىتىدىن مالايسىيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسىي تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان. مالايسىيا تەرەپ بەش سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن ،ئاخىرىدا ئايروپىلان بۇلىغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلمىغان. ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار نەتىجەگە ئېرىشەلمىگەن بىلەن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئايروپىلاننىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتكەن .


مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئەسلىدىنلا ، ئايروپىلاننىڭ قەيەرگە يوقىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان بۇلۇپ، ئايروپىلان يېقىلغۇسى تۈگىگەندىن كېيىن، مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى ئادەتتىكى دائىم ئۇچرايدىغان ئايروپىلان يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدەك تەسۋىرلەپ كۆرسىتىشنى قارار قىلىپ ، ئىنسانپەرۋەرلەرنىڭ بېسىمىدىن ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا سىياسىي كۈچلەرنىڭ ، ئايروپىلان بۇلىغۇچىلارنىڭ سىياسىي تەلىپىنى بىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.


ئۇنداقتا كىم ئايروپىلان بۇلىغۇچىسى ؟ بۇ دەل ئايروپىلان خادىملىرى. ئايروپىلان بۇلىغۇچىسىنىڭ تەلىپى نېمە ؟ ئايروپىلان بۇلىغۇچى سىياسىي جىنايەتچى ئەنخۇانى ئازات قىلىشنى تەلەپ ،. 3-ئاينىڭ 7- كۈنى،مالايسىيا ھۆكۈمىتى سوت مەھكىمىسگە ئەرز سۇنۇپ ، بەچچىۋازلار گورۇھىنىڭ باشلامچىسى ئەنخۇانىڭ جىنايىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ،جىنايەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلغۇزۇشنى تەلەپ قىلغان..66 ياشلىق ئالدىنقى مۇئاۋىن زۇڭلى ئەنخۇا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بۇ تۈردىن پايدىلىنىپ مېنىڭ سىياسى ھاياتىمنى تۈگەشتۈرمەكچى.


ئەگەر مالايسىيا ھۆكۈمىتىى ئەنخۇانى قۇيۇپ بېرىشكە قۇشۇلسا ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار ، ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ ، ئايروپىلاندىن كاشىلا چىقتى دېگەن باھانە بىلەن مالايسىيادىكى مەلۇم بىر ئارودىرومغا قوندۇردىغانلىقىنى ، قۇشۇلمىسا ئايروپىلاننى پارتىلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان .


ئۇنداقتا ئاروپىلان بۇلىغۇچىلار نېمىشقا يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىشنى ئۈزىۋېتىدۇ؟چۈنكى ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار ئەخمەقلەرچە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئايروپىلاندىكى 230 يۇلۇچىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىشىغا ئىشەنگەن. ئۆزىمۇ تىرىك قايتىشنى ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاننى بۇلىغاندىن كېيىن ئايروپىلان خادىملىرى يول باشلاش سىگنالىنى ئېتىۋېتىپ ، مالايسىيا ئاۋىئاتسىيسى بىلەن بولغان ئىچكى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسىنىلا ئېچىپ قويغان. چۈنكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتىن بۇرۇن مالايسىيا تەرەپنىڭ ئاروپىلان بۇلانغانلىق ئەھۋالىنى بىلىشىنى خالىمىغان.، ھەمدە ئۇلار تەلەپكە قۇشۇلغاندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا يەرگە قۇنۇشنى ئويلىغان.


ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار نېمىشقا ئىزچىل ئۇچىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار مالايسىيا ھۆكۈمىتىنبىڭ ئىنكاس قايتۇرشىنى ساقلىغان. نېمىشقا مالايسىيا ئايروپىلان ئۇچۇپ بەش سائەتتىن كېيىن ئاندىن يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلىدۇ؟ چۈنكى مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ بەش سائەت ئىچىدە ،ئايروپىلان بۇلىغۇچىلار بىلەن باھا تالىشىۋاتقان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ بەش سائەت ئىچىدە ئايروپىلان بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالمىغان. ، مالايسىيا بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئالاقىسى شۇنداق راۋان بولغان. مالايسىيا ھۆكۈمىتى بولسا ئاروپىلان بۇلىغۇچىلارنى قايىل قىلىشنى ئويلىغان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ شەرتسىز ئايروپىلاننى يەرگە قوندۇرىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بەش سائەت ئىچىدە ئاخباراتنى ئاشكارلىمىغان .


ئەمەلىيەتتە، ئايروپىلان ئىزچىك مالايسىيا ئەتراپىدا ئۇچۇپ ئايلىنىپ يۈرگەن ۋە مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى ساقلىغان. ئاخىرىدا غەربىي شىمالدا رادال سىگنالىدىن يوقاپ كەتكەن. ئايروپىلان بۇلىغۇچى ،مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپكە ماقۇل بۇلىشىنى ئۆزىنىڭمۇ ساق سالامەت يەرگە قۇنىشىنى ئۈمۈت قىلغان. بۇ مالايسىيانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپ بولغاچقا ، ئايروپىلاننىڭ باشقا دۆلەتكە قاراپ ئۇچۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئەلۋەتتە قازاقىستان ياكى ھىندى ئوكيان تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىشىنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق ، بۇنداق بولغاندا ئايروپىلان بۇلىغۇچى ئۆزىگە چىقىش يولى قالدۇرمىغان بولىدۇ. بىراق ئايروپىلان ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتكەن.


مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئايروپىلان يېقۇلغىسىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ، ئەسلى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ ، ئايروپىلان بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى دەپ ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا دۇنيا جەمىئىيتىنى ئازدۇرۇپ ، ئايروپىلاننى كۈچەپ ئىزدەۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالغان. مالايسىيا ھۆكۈمىتى نېمىشقا يالغان گەپ قىلىدۇ؟


چۈنكى ، ئەگەر ئايروپىلان بۇلىغۇچىلارنىڭ تەلىپى ئاشكارلىنىپ كەتسە، سىياسىي تەۋرەش كېلىپ چىقاتتى، ھەم بىرلا ۋاقىتتا مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئايروپىلان بۇلىغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلمىغانلىقى بىلەن ئايروپۇلان پارتىلاپ كەتكەنلىكى پۈتۈن دۇنياغا يېيىلىپ، ئۆزى رەسۋا بۇلاتتى ۋە يۈزى چۈشۈپ كېتەتتى. بىراق، ئامرىكا ئەھۋالنى ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى بالدۇرلا بىلىپ بولغان. مالايسىيا ھۆكۈمىتى تىرىشىپ بۇ ۋەقەنى يالغاندىن ئادەتتىكى ئايروپىلان يوقاپ كېتىش ۋەقەسگە ئايلاندۇرۇپلا ، ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا نەپىقە بېرىپلا يىغۇشتۇرماقچى بولغان. بىراق بويىن شېركىتى بۇنى قۇبۇل قىلالمىغان.ئۇلار ئايروپىلاننىڭ سۈپىتىگە چېتىلدىغان مەسىلىنىڭ قارىسىغا كېتىشنى خالىىمىغان، شۇنىڭ بىلەن بويىن شېركىتى بىلەن ئامرىكا ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ،ئايروپىلاننىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەندىن كېيىن يەنە نەچچە سائەت ئۇچقانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىپاتنى ئوتتۇرغا چىقارغان. پولاتتەك ئىسپات ئالدىدا مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئايروپىلاننىڭ بۇلانغانلىقىنى ئېتراپ قىلىپ ، ئايروپىلاندىن كاشىلا كۆرۈلمىگەنلىكىنى دېگەن.


ئەمەلىيەتتە، ئامرىكا ئاللىبۇرۇن ۋەقەنىڭ ئەسلى جەريانىنى بىلىپ بولغان، ھەتتا ئايروپىلاننىڭ ئاخىرىدا نەگە ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلگەن، بىراق ئامرىكا پەقەت ئۆزىگە پايدىلىق بولغان جايلىرىنىلا ئېلان قىلغان ، بۇ ئارقىلىق مالايسىيادىن نۇرغۇن سىياسىي نەپ ئۈندۈرۋالغان.



خەتكۈچلەر:
25-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek