ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقى ئىسرائىلىيەنى ئەندىشىگە سالدى

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقى ئىسرائىلىيەنى ئەندىشىگە سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياھۇ ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ بىر خىل تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىغا ۋە ئىسرائىلىيەگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياھونىڭ 3-مارت ئامېرىكا پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقى زادى قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشتى؟. نىتانىياھۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ قاملاشمىغان كېلىشىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىراننىڭ يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايلا قالماستىن، ئىراننىڭ يادرو قۇراللىرىنى ياسىشىغا يول ئىچىپ بېرىدىغانلىقىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى. ئىران تاراتقۇلىرى ۋە سىياسىيونلىرى 4- مارت نىتانياھونىڭ ئىراندىن قورقۇش نۇتقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسرائىلىيە پارلامېنتى سايلىمى ئۈچۈن داغدۇغا پەيدا قىلىش ، مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ئالداش تىپىدىكى ئويۇن دەپ ھېسابلىدى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى نىتانىياھۇ تەرىپىدىن پاراكەندە قىلىنغانلىقتىن، پارس قولتىقى رايونىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشقا بولغان ئەندىشىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 4-مارت توختىماستىن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولدى.


ئىران نىتانياھونىڭ نۇتۇقىغا تېزدىن ھۇجۇم قىلدى. ئىراندا چىقىدىغان تېھران ۋاقتى گېزىتىدە نىتانياھۇ قۇرۇق گەپنى تەكرارلىدى دېدى، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نىتانياھونىڭ ئىراندىن قورقۇش نۇتقى پەقەت يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسرائىلىيە پارلامېنتى سايلىمىغا داغدۇغا يىرتىپ ، مەملىكەت ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالداش خاراكتېرىدىكى نۇتۇق دېدى. ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لالىجانى 4- مارت، ئىران ئالتە دۆلەت بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ قالسا، نىتانىياھۇ ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچىدىن قورقىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران زۇڭتۇڭى روخانى 4-مارت كابىنېت يىغىنىدا، گەرچە پۈتكۈل دۇنيا يادرو سۆھبىتىنىڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى پايدىلىق دەپ ھېسابلاۋاتقان، خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدىغان ھاكىمىيەت ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە قارشى سادانى كۆتۈرۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئۇدۇمى يوق دېدى.


بىراق ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شېركىتى مۇنداق دېدى: ئىرانلىق كۆپلىگەن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئىرانلىقلار ئامېرىكىغا ئىشەنمەيدۇ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بۇنانىڭ نىتانىياھۇنى تەكلىپ قىلىشى بۇ خىل ئىشەنمەسلىك ھېسسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئىرانلىقلار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ يادرو مەسىلىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ بىر قۇراق قەغەزگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇندىن ئىلگىرى، گەيروپ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %70 ئىرانلىق يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان.


نىتانياھونىڭ نۇتۇقىمۇ ئىسرائىلىيەدە ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان. 17-مارت ئىسرائىلىيەدە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىسرائىلىيەلىك كۆپلىگەن كىشىلەر نىتانياھونىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىنىڭ ئۇدۇمى چەكلىك بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دەپ ھېسابلىغان، ھەمدە نىتانىياھۇ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن خەتەرلىك سىياسىي ھەرىكەت قىلماقتا دەپ گۇمانلانغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئىرلان، نىتانىياھۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانماستىن ، بەلكى بىر خىل ياخشى ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ تەلىپىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پالاتا بىلەن تولۇق كېڭىشىشى كېرەك ئىدى دېدى.

 

 نىتانياھونىڭ نۇتۇقىنى ياخشى بولدى دېگۈچىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئامېرىكىدا چىقىدىغان ھول كوچىسى گېزىتىنىڭ مەخسۇس سىتۇن يازغۇچىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سىتۇرىت ماقالىسىدا، نىتانىياھۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، ئىراننىڭ ئىشەنچلىك سۆھبەت ئوبېيكتى ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، ئىران غەربكە قارىتا يوشۇرۇن ئۇرۇش ئېلان قىلغىنىغا كۆپ يىل بولدى، ئۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدۇ دېدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان ئاتلانتىك ئوكيان ژۇرنىلىنىڭ مەخسۇس سىتون يازغۇچىسى مۇنداق دېدى: نىتانياھونىڭ ئىراننىڭ ھەرىكىتىدىن ھوشيار تۇرۇش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئاساسى بار، ھېچكىممۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، بىراق ئۇ ئىرانغا ھاۋا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى،ياكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشى ۋاقتىنى بەر قانچە يىل كېچىكتۈرسىمۇ، بىراق بۇنداق قىلىشنىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھەمدە كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان جازانىڭ قىلچىمۇ رولى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يازغۇچى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئامېرىكىنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتىنىڭ ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: نىتانياھونىڭ نۇتۇقىنىڭ مەزمۇنى ئىراننىڭ يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاشتىن ئىبارەت.


4-مارت، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن،سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بولدى، 5-مارت رىيادتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشتى، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ ئوبزوردا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە تەسەللى بېرىشتىن ئىبارەت دېدى. سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەرنى ئاساس قىلغان پارس قولتۇقىدىكى ئالتە دۆلەت شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ چوڭ لاگېرى بولغان ئىراندىن ھوشيار تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە مۇرەسسەلىشىشنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.


ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسىدە سۆھبەت ئىلىپ بېرىشنىڭ ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىغا باھا بېرىدىكەن. ئاق ساراي باياناتچىسى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئارقا ئارقىدىن تەكىتلەپ، بىر تەرەپتىن ئەگەر ئىران يادرو كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمايدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ قوراللىق ۋاسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ۋاسىتىلارنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش نىسبىتىنىڭ %50 ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن سەۋەب ئىراننىڭ سىياسىي ئىستىقبالىنى مۆلچەرلەش قېيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



خەتكۈچلەر:
10-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek