ما شياۋلۇڭ
‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.
دۆلەت قاتلىمىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شانگرىلا، چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريولى، بۈيۈك قانال قاتارلىق رايون ھالقىغان كۆپ خىل ساياھەت يىرىك پىلانلىرى تۈزۈلدى، بۇ يىرىك پىلانلار رايون ساياھىتىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ساياھەت مەنزىللىرىنىڭ قىسقىرىشى مۇقەررەر ھادىسە بولۇپ قالدى، لىنىيە ئارقىلىق بىر قانچە مەمۇرىي رايون ۋە ساياھەت مەنزىللىرىنى تۇتاشتۇرۇش رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۇراقلىق ھالەتكە ئايلانغۇسى.
لىنىيە ساياھەت مەنزىلىنى تەشكىللەشنىڭ تىپىك ئەندىزىسى بولغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى بۆلىكىدە ئون ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، چەت ئەل قىسمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بار. شۇڭا يېڭىچە دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسىدا يىپەك يولى ساياھەت ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىش رايون ساياھەت ئىقتىسادى تەرەققىياتى كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتتى، ئۇنىڭغا ئوبيېكتىپ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن ۋە مەسئۇلىيەت قوشۇلدى، بۇ تاشقى ھەمكارلىق، خەلقئارا بازار ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
تەرەققىيات شارائىتىدىن قارىغاندا، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، بايلىق، تەرەققىيات ئاساسى قاتارلىق ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىدە، ئېلىمىزنىڭ رايون ساياھەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىيىتىدە شەرقىي قىسىمنىڭ تېز، غەربىي رايوننىڭ ئاستا، دېڭىز ياقىسىنىڭ كۈچلۈك، قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ ئاستا بولۇش ئەندىزىسى نامايان بولىدۇ. بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ دۆلىتىمىز بۆلىكىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى غەربىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئاجىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى مۇساپىمۇ ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇزاقتىن بۇيان بايلىقنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش قىيىن بولۇپ كەلدى. بۇنداق شارائىتتا، ھە دېگەندىلا يىپەك يولى ساياھەت ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلغار، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە بىلەن ئەمەلىي بولغان يېڭىچە يەرلىك تەدبىرلەرنى بىرلىكتە يولغا قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بىرىنچىدىن، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئاساس، لىنىيە ياقىسىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئورتاق ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان تۈزۈم، مېخانىزمنى ئورنىتىپ، لىنىيە ياقىسىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. ماكرولۇق نۇقتىدا تۇرۇپ نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرغاندا ھەم بىر تۇتاش پىلانلىغاندىلا، يىپەك يولى ساياھەت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا ئەگرى يولنى ئاز بېسىپ، تەرەققىياتنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
ئىككىنچىدىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى لىنىيەلىك ساياھەت مەنزىلىنى تەشكىللەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق تونۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ئاساسىدا رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار، ئالدىن يولغا قويۇلغان ئۇسۇللارنى سىناق قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول قاتنىشى شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ھازىرقى شارائىتىدىن ھالقىمىغان ئەھۋالدا ئىشنى نۇقتىدىن باشلاپ، ئاچقۇچلۇق شەھەرلەرنى چۆرىدەپ، ساياھەت قىزىق نۇقتىسى ۋە سەرخىل ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى تايانچ قىلغان تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ساياھەت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شەكىللىنىشىگە شارائىت يارىتىش كېرەك.
يىپەك يولى ساياھەت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ساياھەت سىستېمىسىدا دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر، دېمەك نىشان ئېنىق بولۇپ، يۆنىلىش بېكىتىلدى، ئەمدى تىرىشىپ ئىلگىرىلەشلا قالدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved