دۇنيادىكى تۇنجى ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش مودا كىيىمى دۇكىنى گوللاندىيدە تىجارەت باشلىدى

جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى تېلگىراممىسى :چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 3-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، گوللاندىينىڭ ئېينىخوۋىن شەھرىدىكى ئوقتىن مۇداپقئەلىنىش «مودا كېيىمى »بىر شىركەت يېقىندا ئۆزىنىڭ تۇنجى دۇكىنىنى ئېچىپ تىجارەت باشلىغان بولۇپ ، لېكىن بۇدۇككاندا سېتىلىدىغان ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرىنىڭ باھاسى ئۇنچە ئەرزان ئەمەسكەن .بۇ دۇككاندا سېتىلىدىغان ئەڭ ئەرزان ئوقتىن مۇداپىئەلىنىدىغان كىيىمنىڭ باھاسىمۇ 17مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.
گوللاندىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، ئېينخۇۋىن شەھرىدىكى كىشىلەر بۇ دۇككاندىن ئوقتىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئاسما مايكا سېتىۋالالايدىغان بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئوقتىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان كاستىيۇم –بۇرۇلكا ۋە گالىستۇك قاتارلىقلارنىمۇ سېتىۋالالايدىكەن ،بۇ دۇككاندا يەنە «كولۇمبىيە »ماركىسىدىكى ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىملىرىمۇ سېتىلىدىدىغان بولۇپ، بۇ كىيىملەرنىڭ كۆرۈنۈشى مۇشۇ ماركىدىكى ئادەتتىكى كىيىم –كېچەكلەرگە ئوخشاش ئىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ دۇككاندا يەنە نىپىزلىكىدىن ھەتتا كۆينەكنىڭ ئىچىگىمۇ كىيۋالغىلى بۇلىدىغان ئوقتىن مۇداپىئەلىندىغان نىپىز ئاسما مايكىمۇ سېتىلىدىكەن . بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ ، بۇ دۇككاندا سېتىلىدىغان ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمىنىڭ ئاساسلىقى گۆھەر-ياقۇت دۇكىنى خىزمەتچىلىرى شۇندقلا ماي قاچىلاش پونكىتى خادىمى قاتارلىق ئۆزىنىڭ خىزمەت مۇھىتىدا بەلگىلىك خىيىم –خەتەر مەۋجۇت دەپ ھېس قىلىدىغان كىشلەرگەيۈزلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيىتقان بولۇپ ،ئۇ يەنە تولۇقلاپ ، بۇ كىيىملەر ھەرگىزمۇ جىنايات شايكىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئەمەس دېدى.
بۇ دۇككاننى ئاچقان شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، پارىژدا «چارلى ھەپتىلىكى»ژۇرنىلى باش شىتابى قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن بۇيان، تېخىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ ،بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى _ يىرماس ئىپادە بىلدۈرۈپ ، «چارلى ھەپتىلىكى»ژۇرنىلى باش شىتابى قۇراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن 150 تەك كىشىنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇ مەھسۇلات توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغانلىقىنى ئېيىتقان.
بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى _يىرماس زادى قانداق كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش كىيىمى سېتۋالدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان بولۇپ ، لېكىن ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ،ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە فىرانسىيە ۋە بىلگىيەدىكى نۇرغۇن خېرىدارلار ئۇنىڭ بۇ مەھسۇلاتى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغانىكەن . لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرىنى سېتۋالماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ تىجەشلىك بىلەن پۇل يىغىشىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ ، بۇ دۇكاندا سېتىلىدىغان ئەڭ ئەرزان ئوقتىن مۇداپىئەلىنىدىغان كىيىمنىڭ باھاسىمۇ 2400 ياۋرو ئىكەن .



خەتكۈچلەر:
05-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek