جۇڭگو فىرانسىيە رەھبەرلىرى ئۆز-ئارا تەبرىك تېلگراممىسى يوللاشتى

يېقىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى فىرانسىيەنىڭ «چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئەجدىھار »نىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سەييارەت ئويۇن قويۇشى ۋە پات ئارىدا پارژدا ئېچىلىدىغان جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز-ئارا تەبرىك تېلگراممىسى يوللاشتى.


شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت بىر يۈرۈش خەلق ئاممىسى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو فىرانسىيە دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى. «ئەجدىھار روھى» ماشىنا ئەسىرىگە فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى تېخنىكسى بىلەن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھى مەزمۇنى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سىمۇۋۇللىق ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ قېتىمقى ئويۇنغا جۇڭگو خەلقىنىڭ بەك قىزىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. خەن سۇلالىسى- جۇڭگو تارىخىدىكى مۇھىم دەۋىر، سانسىزلىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قالدۇرغان، جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسىدىكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىنىڭ فىرانسىيە خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ھوللاندى تەبرىك خېتىدە فىرانسىيە جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پائالىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى؛ماشىنا ئەجدىھار-فىرانسىيە جۇڭگو كوللىكتىپى بىرلىكتە بەرپا قىلغان ئىسىل سەنئەت بۇيۇمى، سەييارە ئويۇن كۆرسىتىش- يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىگە تايىنىپ، كەڭ ئاممىغا يۈزلەندۇرۇلدى، جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى – فىرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن ئىبارەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە غايەت زور تۆھپە قوشقان گۈللەنگەن دەۋىرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
19-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek