بۈگۈن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى لياۋنىڭ بېنشى شەھىرىدە مېھمان كوماندا سۈپىتىدە لياۋنىڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى، مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا لياۋنىڭ كوماندىسى غوللۇق ئەزاسى گو ئەيلۇن (لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرىنىڭ جيەن ئوغلى)ئۆز مەيدانىدا مەلۇم تاماشىبىن تەرىپىدىن ئېتىلغان ئەينەك كونسېرۋاسى تەرىپىدىن يارىلاندى، تەكشۈرۈلۈشىچە مەزكۇر تاماشىبىن لياۋنىڭلىق بولۇپ،(مەن ئەسلى شىرئەلىجانغا ئاتقان ئىدىم، بىراق گو ئەيلۇنگە تېگىپ كەتتى)دېگەن، يارىلانغۇچى گو ئەيلۇن ئۆز سىنا مىكرو بلوگىدا ئۆز سۈرىتىنى يوللاش بىلەن بىرگە(سىلەرنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت، مەن دوختۇرخانىغا كېتىۋاتىمەن، مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا ئېقىپ كىرىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم، مەيلى كىمنى يارىلاندۇرماقچى بولسۇن بۇ تاماشىبىننىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم)دەپ يازغان، بۇنداق قىلمىش قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئەسلا يۈز بېرىپ باقمىغان، ھەم يۈز بەرمەيدۇ! چۈنكى نومۇر پەرقى ئەمەس ساپا، ئەخلاق ئارقىلىق ھەقىقىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ!
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved