نىتانىياخۇ لىكۇد گۇرۇھىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

شىنخۇا تورى، ئىسرائىلىيە تېلاۋىف، 18-مارت تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 18-مارت تېلاۋىفتا ئۆزى رەھبەرلىك قىلغان لىكۇد گۇرۇھىنىڭ 20-نۆۋەتلىك ئىسرائىلىيە سايلىمىدا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسرائىلىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى سايلام نەتىجىسىنى تېخى ئېلان قىلمىغان.
نىتانىياخۇ كۇرد گۇرۇھىنىڭ سايلام رىقابىتى باش ئىشتابىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، لىكۇد گۇرۇھى ناھايىتى زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا چۈشمىدى. ئۇ يەنە تېزلا ‹‹ مۇقىم بولغان ›› بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
يەھۇدى قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى خېرزوگمۇ شۇ كۈنى تېلاۋىفدىكى سايلام رىقابىتى باش ئىشتابىدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ سايلامدا ‹‹ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان نەتىجە ›› نى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ سايلام نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمىغا بېلەت تاشلاش 17-مارت سەھەردە باشلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىي 24 سىياسىي پارتىيە پارلامېنتتىكى 120 ئورۇننى تالىشىدىكەن. سايلامدىن بۇرۇنقى ئەلراينى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئوڭچىل لىكۇد گۇرۇھىنى قوللاش نىسبىتى ئوتتۇرا سولچىل يەھۇدىلار قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىدىن تۆۋەن بولغان.
ئىسرائىلىيەدىكى ئۈچ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 17-مارت كەچ بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، لىكۇد گۇرۇھى بىلەن يەھۇدى قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنتتا ئېرىشكەن ئورنى ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشتە لىكۇد گۇرۇھى بىلەن يەھۇدى قىساسچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەر ئىككىسى 27 ئورۇنغا ئېرىشكەن. يەنە بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشتە لىكۇد گۇرۇھى 28 ئورۇنغا، يەھۇدى قىساسچىلىرى ئىتتىپاقى 27 ئورۇنغا ئېرىشكەن .
بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمىدا ھېچقايسى سىياسىي پارتىيە كابېنت تەشكىللەشتە ئېھتىياجلىق بولغان 61 ئورۇنغا ئېرىشەلمىگەن، مەيلى لىكۇد گۇرۇھى ياكى يەھۇدى قىساسچىلىرى ئىتتىپاقى كابېنت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشسۇن، ھەممىسى باشقا سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك سايلام تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا، ئەلراينى تەكشۈرۈش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە پەرق ئانچە چوڭ ئەمەسكەن.
سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە، ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى رىۋلىن پارلامېنتتىكى ھەر قايسى پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن سايلام نەتىجىسىنى مەسلىھەتلىشىپ، پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەنىڭ رەھبىرىگە 42 كۈن ئىچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ھوقۇقىنى بېرىدىكەن ھەمدە ئۇنى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىقىغا تەيىنلەيدىكەن. ئەگەر بۇ پارتىيەنىڭ كابېنت تەشكىللىشى ئوڭۇشلۇق بولمىسا، باش ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلەر داۋاملىق ئىچكى كابېنت تەشكىللەيدىكەن.



خەتكۈچلەر:
18-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek