شىنخۇا ئاگېنتلىقى 4- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابدۇسالام تەرجىمىسى
مارت ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئەمدىلا ئىللىشقا باشلىغان موسكىۋا شەھىرى يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر قارنى كۈتىۋالدى. شۇ يەر ۋاقتى 1-چىسلا كەچ پۈتۈن شەھەر قار ئاستىدا قالغان بولۇپ قارنىڭ قېلىنلىقى 26 سانتىمېتىرغا يېتىپ موسكىۋا شەھىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە قار يېغىن مىقدارىدىن %70 ئېشىپ كەتكەن. موسكىۋا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بىلىكوف بۇ قېتىملىق قارنىڭ 1936-يىلىدىن بۇيان موسكىۋا شەھىرىدە ياغقان ئەڭ قېلىن قار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
موسكىۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 3-مارت سەھەرگىچە موسكىۋا شەھەر تەۋەسىدە جەمئىي 4 مىليۇن كۇب مېتىر قار تازىلانغان بولۇپ، قار تازىلاش ماشىنىلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 235 مىڭ قېتىم كوچىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved