جۇڭگو ئاخبارات تورى 4- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: شۇ جاي ۋاقتى 4-مارت مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي قىسىمىدىكى ماردىن ئۆلكىسى كورد ئىشچىلار پارتىيەسى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئىگىلىنشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ئاپتوموبىل بومبا ۋە راكېتا بومبا ئىشلىتىپ، ئىككى ساقچىنى قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنىڭدىن باشقا تەخمىنەن 35 ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە دائىرلىرى مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى ھۇقۇم قىلىش ۋەقەسىنى كورد ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ قوزغىغانلىقى بېكىتىلدى. ئەمما تۈركىيە دائىرلىرى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنى ئاشكارلىمىغان.
بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچى ئىستانبۇلدىكى زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچى باش شىتابى سىرتىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىغان، كېيىن بىر ھۇجۇم قىلغۇچى يارىلانغان، ئەمما ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە ھۇجۇم قوزغاش مۇددىئاسى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved