جۇڭگو رادىئو تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئىتالىيە ساقچىلىرى شۇ يەر ۋاقتى 22-دېكابىر يېڭى فاشىزم جاھىل ئوڭ قانات ئەسەبىي تەشكىلاتىغا قارىتا تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ 14 گۇماندارنى قولغا ئالدى ،بۇنىڭدىن باشقا يەنە 31 كىشىنى تەكشۈردى .
خەۋەر قىلىنشىچە تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىشكە مەسئۇل ساقچى تەپ ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى شۇ كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن رايونلاردا 50 قېتىمدىن ئارتۇق ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ،بۇنىڭ نىشانى يېڭى فاشىزم ئوڭ قانات تەشكىلاتى ئىكەن.بۇ تەشكىلات ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بۇلۇپ ئىتالىيە چېگرىسى ئىچىدىكى كۆچمەنلەر سوتچىلار باج ئاپپاراتلىرى ۋە تۆمۈر يولغا قارىتا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلىغان .
ساقچى تەرەپنىڭ مەخپى كۆزىتىشتىن قارىغاندا بۇ تەشكىلات مىلاد بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلىغان .يەنە بۇنىڭدىن باشقا ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپ ئىگىلىشىچە بۇ تەشكىلات بىر تەرەپتىن سىياسىي سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئاممىۋىي ھوقۇق ئاپپاراتلىرىغا سىڭىپ كىرىشنى پىلانلىغان ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved