«چاقنىغان رەڭلىك نۇر» ناملىق نەنچاڭ غەربىي خەن سۇلالىسى ئاقسۆڭەكلەر قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى 2-مارت پايتەخت بېيجىڭ مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى، جياڭشىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىن قېزىۋېلىنغان 441 گورۇپپا غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار كۆرگەزمە ئەھلى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئىگىلىنىشىچە، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەيخۈن قەبرىستانلىقى 2011-يىلىدىن باشلاپ قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەبرىدىن برونزا قورال، ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار، تۆمۈر بۇيۇملار، قاشتېشى بۇيۇملار، سىر ياغاچ بۇيۇملار، بامبۇك پۈتۈك قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved