سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى قۇراللىق تەشكىلاتنىڭ 600 دىن كۆپرەك خادىمى سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرا ئۆلكىسىدە قورال تاشلاپ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەسىلىم بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شۇ كۈنى دىرا ئۆلكىسىنىڭ ئىسلاھ شەھىرىدە تەسىلىمنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ؛ مۇراسىمدا تەسىلىم بولغان قۇراللىق خادىملار كاپالەتنامىگە ئىمزا قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن سۇرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان سالىدىغان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەسلىمنى قوبۇل قىلغان دىرا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ھانۇس مۇنداق دېدى: يارىشىش خىزمىتى سۇرىيىنىڭ كەلگۈسى پىلانى، خاتا يولغا كىرىپ قالغان بارلىق ياشلارنىڭ قورال تاشلاپ، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved