8-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 5-يانۋاردىن 2-فېۋرالغىچە «ئىشقا ئورۇنلىشىقا ھەقىقىي ياردەم بېرىش» باش تېمىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورنىدىن قالغان مېيىپلارنى تىزىملايدىكەن ۋە تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى مەخسۇس تۈر پائالىيىتى ياردەم بېرىدىغان ئوبيېكىتلار بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىق بارلار، ئىش ئورنىدىن قالغان مېيىپلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى، ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلار ۋە ئىش ئورنىدىن قالغانلار؛ شۇ رايون بېكىتكەن قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلار، كېسەل سەۋەبىدىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلاشقان ئائىلە ئەزالىرى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، يۇرتىدىن ئايرىلغانلار، زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەخسۇس تۈر پائالىيىتىدە، ھەر قايسى جايلارنىڭ قاراشلىق ئورۇنلىرىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار، ئىش ئورنىدىن قالغان مېيىپلار قاتارلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكىتلىرىغا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ۋە ھەقىقىي ئىسمىنى خاتىرىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى يېتەكچىلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ يۈن 2016-يىللىق شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى مەخسۇس تۈر پائالىيىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى يېتەكچىلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ يۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەخسۇس تۈر پائالىيىتى ئارقىلىق ھەر قايسى جايلار كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سىياسەتلەرنى بىلدۈرۈش، ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، مۇلازىمەت قىلىش، «بىرگە بىر» ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «يۈزمۇ يۈز» توغرا ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردىمى بېرىشنى قانات يايدۇرىدۇ. جايلار يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئوبيېكىتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ ئىش ئورنى ئۇچۇرى، كەسپىي تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق قاراتمىلىققا ئىگە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى پائالىيىتى جەريانىدا جەمئىي 431 مەيدان مەخسۇس مېيىپلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى تەشكىللەپ، 5756 نەپەر ئىش ئورنىدىن قالغان مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، 15385 نەپەر مېيىپنىڭ مەخسۇس تۈر سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved