يەر شارى تورى 3- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 3- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەدىكى بورزانونىڭ شىمالىدىكى كىچىك بازاردىكى بىر قانچە ئالىم يېقىندا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار 5300 يىللىق تارىخقا ئېگە داڭلىق مومىيا مۇز ئادەم ئوتىزنى گەپ قىلدۇرماقچى بولغان.
مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بورزانودىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ قولاق، بۇرۇن كېسەللىكىلىرى بۆلىمىنىڭ مۇتەخەسسىسى فرانسىسكو ئاۋانزىنى مۇنداق دېگەن: تەخمىنەن يەنە بىر يىل ئىچىدە بىز بۇ مومىيانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئاۋازىنى ئەڭ زور چەكتە ئەسلىگە قايتۇرىمىز.
فرانسىسكونىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى نۆۋەتتە CT تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق مۇز ئادىمى ئوتىزنىڭ ئاۋاز يولىنى ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولغان بولۇپ، ئۇلار يەنە ئوتىزىنىڭ ئاۋاز پەردىسى ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ شەكلىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. پادۇۋا تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئارقىدىنلا يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئوتىزنىڭ ئاۋاز يولى مودىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ مومىيانىڭ ئاۋازىنى تەقلىد قىلىپ چىقىرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved