ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتناشقىلى ماڭغان ۋەكىللەر 2-مارت ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.

بۇ يىلقى ئىككى يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىن كەلگەن ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى يەنىلا خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى. قانداق قىلغاندا يەرلىكتىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر ھەر يىلى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 800گە يېقىن دېھقان-چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا باشلىدى.

رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: «بۇ يىل مەن دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى، ھەمدە يىپەك يولى كەسىپلىرى، چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادىنى قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۇنىڭغا بىر قىسىم مايىل سىياسەتلەرنى بېرىپ، شىنجاڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى فۇ چۈنلى بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ‹‹13 – بەش يىل››نىڭ تۇنجى يىلى، ‹‹ئىككى يىغىنى››دا 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان ماقۇللىنىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە ۋەكىللىك رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ چارە – تەدبىر كۆرسىتىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى باغدانگۈل زاد ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى بېستېرەك يېزىسى ئوشارباي كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ بىر قانچە يىلدا ئۇ قۇرغان رېستوراننىڭ كىرىمى يىلدىن – يىلغا كۆپەيگەن، يۇرتداشلارنىڭ كۈنلىرىمۇ بارغانسېرى ياخشىلانغان. باغدانگۈل زاد مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ زور، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يىغىن مەزگىلىدە رولىمنى جەزمەن ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تەكلىپ – تەۋسىيەلىرىنى يىغىنغا ئېلىپ بېرىپ، يۇرتۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق رەھبەرلەر 2–مارت ئايروپورتقا چىقىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەكىللىرىنى ئۇزىتىپ قويدى.



خەتكۈچلەر:
04-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: bagdax تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-03-2016
يەر شارى تورى 14- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 13- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رانماك ئەيلو ئىران باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقى سەۋ...
14-03-2016
يەر شارى تورى 14- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە خەلق بىخەتەرلىك باشقارمىسى ساقچى بىخەتەرلىكى بۆلۈمىنىڭ 14- مارت بىلدۈرۈشىچە، كاپالەت پ...
14-03-2016
مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس بولغان ئىشلەپچىقىرىش، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، ئۆرپ – ئادەت، ھۈنەر – سەنئەت، ھويلا – ئاران مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. تۆۋ...
14-03-2016
خېشۈن تورى 14- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دە ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253 دوللارغا چىقىپ، ئەتىگەن...
14-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئورگان تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا گېرمانىيەگە كىرگەن مۇساپىرلار سانى 64 مىڭ 700 بولۇپ،...
14-03-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: 10-مارت شاڭخەيدىكى ئەتىگەنلىك قاتناش يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتتا، ئىچكى ئايلانما كۆتۈرمە يولىنىڭ سىرتىدىكى خۇاڭشىڭ يولى بۆلىكىدە بىر قېتىمدا كۆپ ماشىنا ئۆزئارا سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. توردا تارقىتىلغان نەق مەيدان ...
14-03-2016
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چەتئەل جامائەتچىلىكى جۇڭگونىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى باشلانغان يىلى ئىسلاھات ئۆتكىلىگە قانداق ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى. بىر قىسىم مۇتەخەسسىس ئالىملار بەس-بەستە مۇنداق دېدى: ھەر قانداق بىر د...
14-03-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 13-مارت ياپونىيە توكيو، شۇ يەردىكى ئامما ئېتراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ئابى شىنزونىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇردى. ئىگىلىنىشىچە، نەچچە مىڭ ئامما شۇ كۈنى شىنجۇكۇ رايونىغا يىغىلىپ، ئابى شىنزۇنىڭ ئ...
14-03-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگىنى FBI بىلەن ئالما ئارىسىدىكى سوت جېڭىغا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتە ۋاقىتلا قالدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئالمىغا كۆپ قېتىم گەپ قىلدى، ھەتت...
14-03-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 13-مارت ياپونىيە توكيودا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، 2016-يىللىق ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ھەرىكەت فاڭجېنىنى ماقۇللاپ، بۇ يىل يازدىكى ئالىي پالاتا سايلىمىنى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈ...
Powered by Leglek