يەر شارى تورى 4- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە گېزىت خەۋەرلىرى تورىنىڭ 3- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسيا رايونىدىكى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى جېننى 3- مارت ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوكرائىنادىكى ئىككى يىلغا سوزۇلغان توقۇنۇشتا جەمئىي 9187 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جېننى يەنە مۇنداق دېگەن: ئوكرائىنادىكى ئىككى يىلغا سۇزۇلغان قوراللىق توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار 9187 گە يەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 21085 ئادەم يارىلاندى، 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 2017- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى توقۇنۇشتا 78 ئادەم يارىلاندى، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ئىچىدە ھەربىيلەر ۋە ئاددىي پۇقرالارمۇ بار.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئالىي دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم ئىش بېجىرىش ئورنى ئېيتقان ئۆلگەنلەر سانى، توقۇنۇش پارتلىغاندىن باشلاپ تاكى 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ئېرىشكەن ماتېرىيالغا ئاساسەن بېكىتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved