ئۈندىداردا تۇنجى ئۇيغۇرچە سالون قۇرغان شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچى


ئۇ تۇنجى بولۇپ شاڭخەيدە ئۈندىدار ئۇيغۇرچە سالونى قۇرغان، ئۇ قۇرغان سالونلار ھازىر مىليونلۇق قىممەتكە ئىگە بولماقتا؛


ئۇ تۇنجى ئۇيغۇرچە YY تور دەرسخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى؛


ئۇ 20 يېشىدىلا ئۈندىدار ئارقىلىق دەسمايىسىز بىر ئاي ئىچىدە 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىغان؛
ئۇ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ توپ تارقىتىش ئۈندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدىكى سودا سوممىسى 600 مىڭ يۈەن بولغان.


ئۇ ھازىرغىچە يانفۇن دېتالى ۋە 2 ئۇيغۇرچە يانفۇن ئويۇنلىرىنى تارقاتقان.


ئۇ بولسا شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ 4-يىللىق ئوقوغۇچىسى مەخمۇتجان مەمەت.


بىر مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى قانداق بولۇپ تور ۋە سودا ساھەسىدە نەتىجە يارىتالايدۇ ؟

ئوقۇش ھاياتى ۋە قىزىقىشى


مەخمۇتجان باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 2004-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ئوقۇشىنى تاماملىغان، ھەمدە شۇ يىلى كۆپلىگەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش، ئىچىكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشنى تاللىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2007-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ شىيامىن شەھرىدا ئىچكىرىدىكى ھاياتىنى باشلىۋەتكەن.

ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا مۇزىكىغا ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى مۇزىكا ئۇستىلىرىغا شاگىرتلىققا بەرگەن. ھەمدە كېيىن مۇزىكا ئەترىتى تەشكىللەپ مەكتەپ ۋە شەھەرلىك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 2011-يىلى ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىچكىرى تولۇقتىن مۇزىكا كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ، كەسىپ نەتىجىسى 1-بولۇپ شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان.

مەخمۇتجانىڭ سەنئەتتىن باشقا يەنە فىزىكا، ئېلىكتىرون ۋە كومپىيۇتېرغىمۇ ئالاھىدە ھەۋىسى بار بولۇپ، 10 يېشىدىلا ئۆيدىكىلىرى ئېلىپ بەرگەن كومپىيۇتېردا ھەر خىل تېخنىكىلارنى ئىگەللىگەن، ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدىكى مائارىپ مۇھىتى ئۇنىڭ بۇ قىزىقىشىغىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ۋە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇمۇ دەل ئۇنىڭ كېيىنكى ئۇتۇقلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

 


تۇنجى ئۇيغۇرچە تور دەرسخانىسى

 


ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن مەخمۇتجان ئوقۇشتىن سىرت يەنە نۇرغۇن بىكار ۋاقىتلىرنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئېنتىرنىت تورىدا ئۆزى قىزىقىدىغان ساھەلەرنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان. مۇشۇ جەرياندا ئۇ توردا نۇرغۇنلىغان ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە تور دەرسخانىلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما شىنجاڭغا نىسبەتەن بۇنىڭ بىر چوڭ بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ،2011-يىلى تۇنجى ئۇيغۇرچەYY كۈيچى تور دەرسخانىسىنى قۇرۇپ چىقىپ كۆپلىگەن ياش سىتۇدېنتلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.


بۇ دەرسخانىدا ئانا تىلى، خەنزۇتىلى، ئىنگىلىز تىلى، پىسخىلوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە دەرس ئۆتۈلۈشتىن سىرت، يەنە ھەرخىل مۇنازىرە، سۆز ئويۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ياشلىرىمىزغا مەنىۋىي زوق ئاتا قىلغاندىن سىرت، يەنە ياشلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە، ئانا تىل ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بۇلاردىن باشقا مەخمۇتجان يەنە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئەھۋاللىرىنى YY تور دەرسخانىسىدا نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىپ، شىنجاڭدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغانىدى. 2012-يىلى 6-ئايدا مەخمۇتجان كۆچمە تور مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، نەزىرىنى يانفۇن تورىغا قاراتتى.

 


ئۈندىداردا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە سالون

 


مەخمۇتجان ھەر كۈنى خەنزۇچە تورلاردىن تور ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە قىزىقاتتى ۋە ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە ئانالىز قىلاتتى.

2012-يىلى مەخمۇتجان ئەقلىي يانفۇننىڭ بارغانسېرى مۇقىم كومپىيۇتېرنىڭ ئورنىنى ئىگەللەۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ھەمدە ئۆزىنىڭ تور ساھەسىدىكى سەزگۈرلىكى ۋە دەسمىسىز تەشۋىقات ئەندىزىسى بىلەن، كۆچمە تور ساھەسىدە ئۈندىدار سالونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىر مۇھىم تارقىتىش ۋاستىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ئۇي-ناخشا، يۇمۇرلار، ئۇي رەسىم قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 8 دانە ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سالونلىرىنى شاڭخەيدە قۇرۇپ چىققان.

 

بۇ سالونلار قۇرۇلىشى بىلەنلا مەخمۇتجان ئۆزى ئاۋازغا ئېلىپ ئۇيغۇرچە يۇمۇرلار ۋە پىروگراممىلارنى ئۈندىداردا تۇنجى بولۇپ تارققان، بۇ خىل يېڭىلىق رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، تۇنجى ئايدىلا ھەر بىر ئۈندىدار سالونىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100مىڭ ئابونت قېتىلغان.

2012-يىلى مەخمۇتجان قۇرغان سالونلاردىن باشقا تېخى ھېچقانداق چوڭ ئۇيغۇرچە سالونلار قۇرۇلمىغان ئىدى، ئۇ بارلىق زېھنىنى 8 ئۇيغۇرچە سالوننى باشقۇرۇش، مەزمۇن تەييارلاش بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى، بۇ ئىشلار جەمئىيەتتە تەسىر قوزغاپ مەخمۇتجان رادىئو ۋە تېلۋىزىيە زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ خىل يېڭىلىققا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ھازىرغا كەلگۈچە بۇ سالونلارنىڭ ئومۇمىي ئابونتلار سانى 1.5 مىلىيوندىن ئاشقان بولۇپ، رايونىمىزدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق چوڭ تەشۋىقات ۋاستىسىغا ئايلانغان.

 

 


ئۈندىدار سالونلىرى ئىزدەش نامى :

 

uynahxa uyrasim yumurlar uykuyqi uyxopur

uyturik uyalma uyputbol topbazar

 

2014-يىلى 6-ئايدا ئۇ ئاخىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تېڭشۈن شىركىتىگە بېرىپ زىيارەتتە بولدى.

 


تور سودا ساھەسىدىكى ئىزدىنىش

 


خۇددى مەخمۇتجاننىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىنىدەك، ئۈندىدار سالونىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ھەقىقەتەن ناھايىتى زور بولدى. مەخمۇتجان دەل بايا دېيىلگەن ھەر بىرىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100مىڭ ئابونت بولغان سالونىغا سودا ئېلانلىرىنى قېتىش ئارقىلىق، تۇنجى ئايدىلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالىدى. شۇندىن كېيىن مەخمۇتجان ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە رەسمىي ئىشىنىپ، ئۈندىدار سالونىدىكى شىنجاڭ كۆچمە تور ساھەسىدىكى ئۈستۈنلىكى بىلەن تور سودا ساھەسىگە رەسمىي كىرىشىپ كەتتى.

 


ئۇ سالونلىرىغا ھەرخىل شىركەت شەخسلەر بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتتى؛ سالونىنىڭ تەشۋىقات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ساۋاقداشلىرىدىن تەشكىللىنىپ تور سودىسىنى راۋاجلاندۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ شۇنى بايقىدىكى، رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى مۇكەممەل ئەمەس، كىچىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ، چوڭى ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىغىچە ھەممە نەرسىلەر دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ كېلىنەتتى، شۇڭا ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە ياكى يېزا -بازارلاردىكى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ قولىغا تېگىدىغىنى ئىككىنچى ھەتتا ئۈچىنچى قولدىن ئۆتكەن ماللار بولۇپ، باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى ئىدى. بۇنداق بولغاندا بۇ ماللار رايونىمىزدىكى رەسمىي ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا تەگكەندە باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتەتتى.

شۇڭا مەخمۇتجان دىيارىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت خېرىدارلىرىمىزنى ئەڭ تۆۋەن باھا، ئەڭ ئىشەنچلىك سۈپەتتىكى ماللار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، يېرىم يىلدىن كۆپرەك تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، 2014-يىلى 10-ئايدا ئۈندىداردىكى توپ بازار سالونىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. سالون قۇرۇلۇپ بىر ئايغا يەتمەيلا ئابونتلار سانى 20 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ 20 مىڭ ئابونت رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توپ ۋە پارچە تىجارەتچىلەر، يايمىچىلار، سودا قىلىش ئۈچۈن مىدىرلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى.

 

توپ بازار سالونى مانا مۇشۇ خېرىدارلىرىغا تايىنىپ، قۇرۇلغان تۇنجى ئايدىلا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سودا قىممىتى ياراتتى، ھەمدە شۇندىن كېيىنكى ئايلاردا مۇقىم سودا قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

2015-يىلى ئۇ تېخىمۇ يېڭى نىشانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شاڭخەيدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇرۇپ كارخانىچىلار سېپىگە قوشۇلۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. بىز بۇ دەۋىر ياشلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.



06-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسقا 87 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قى...
11-05-2016
2016-يىلى 9-ماي، چۇڭچىڭ شاڭچىڭسىدىكى ئەڭ گۈزەل كىتابخانىدا كىشىلەر كىتاب كۆرمەكتە. كىتابخانا ياۋروپا ئۇسلۇبىدا بولۇپ، گۈزەل، تىنچ مۇھىت كىتاب يازىدىغانلار ۋە كىتاب ئوقۇيدىغانلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانىدى، بۇ يەرد...
11-05-2016
    «بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىليون 650 مىڭ بولۇپ تارىختا يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇنىڭغا ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوشقاندا بۇ ئىككى تۈردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئ...
10-05-2016
    چەرچەن ناھىيەسى يېقىندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 463 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىپ، ئۇلارغا 442 مىڭ يۈەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تاقىتىپ بەردى.     ئىگىلىنى...
10-05-2016
    «كىتابخانا تورى www.kitabhana.com» بىلكان شىركىتى ۋە بىر قانچە كىتابخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغان تۈر بولۇپ دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى نەشرىياتنىڭ قانۇنلۇق نەشر قىلغان ئەڭ يېڭى، بازارلىق، رەسمىي نەشرىدىكى مەتبۇئاتل...
10-05-2016
    مۇخبىرىمىز ئاينۇر سەيدىنھاجى خەۋەر قىلىدۇ: ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئون ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇيدىغانلاردىن ...
10-05-2016
    بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كەيگەن، بىخەتەرلىك ئارغامچىسى باغلىۋالغان 12 دەرەخكە يامىشىش مەشقاۋۇلى باش مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇجۇ شەھىرى پەنمىندىكى پۇراقلىق كامفورا دەرىخى ئورمانلىقىدا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن د...
09-05-2016
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىنەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق يېقىندا «ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى پىكىر» نى ئېل...
08-05-2016
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلگۈسى بەش يىلدا داۋاملىق مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا، ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يەسلى قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ...
07-05-2016
5-ئاينىڭ 5–كۈنى شاۋياڭ شەھىرى دوڭكۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىقنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى  شىمالىي مەكتەپ رايونى جەنۇبىي ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 6-قەۋىتىدىن سەكرەپ ئۆلۈپ كەتتى.  5-ئاينىڭ 5–كۈنى چۈشتە تولۇق 1-يىللىقنىڭ ئوق...
Powered by Leglek