ھەر بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپلەردە مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئالمىسا دەپ ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بەكمۇ تەس ھەتتا مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك. ئەمما بۇ ئارزۇ ئەنگلىيەنىڭ نوتتىڭخامدىكى بىر مەكتەپتە رېئاللىققا ئايلانغان. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 29-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەكتەپ مۇدىرى يوق بۇ مەكتەپتە بالىلاردىن ئىمتىھان ئېلىنمايدىكەن، مەكتەپ فورمىسى كىيىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن. ئەمما ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردىغىنى، مۇشۇنداق بىر «تەرتىپسىز» مەكتەپ ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved