چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتى 7- سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە ئەسكەر تۇرغۇزغانغا 70 يىل بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، داۋاملىق ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىپ، ئەسكىرى كۈچىنى كورېيەدە تۇرغۇزدى ھەمدە كورېيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن بىلەن كورېيە مۇناسىۋىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، يەنە چاۋشيەن بىلەن كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش ۋە ئىشەنمەسلىكنى كۈچەيتىۋەتتى.
چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى ئالاھىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر ئامېرىكا كورېيەدە تۇرغۇزغان قىسىملىرىنى چېكىندۈرمەي، داۋاملىق ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا بۇندىن كىيىن يەنە بىر قېتىم سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ۋەقە ھەتتا قوراللىق توقۇنۇش پەيدا قىلىدىغان بولسا، چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved