خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .شىنخۇا تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى بەرگەن تېلېگراممىسىدىن قارىغاندا ،9-ئاينىڭ 29-كۈنى برازىلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر بەرگەندە رىئودى ژانىيرو ساقچىلىرى روسىگنانو رايونىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قورشاپ يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ،ساقچى تەرەپنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى زەھەر ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن .بەختكە يارىشا تىك ئۇچار پاچاقلانغان بولسىمۇ بىرمۇ ئادام يارىلانمىغان .
2009-يىلى برازىلىيە ساقچىلىرى ئوخشاشلا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن بىرى ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ھەمدە ئىككى ساقچى قازا قىلغان
.يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان روسىگنانو رايونىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇش كۈچىيىپ كەتكەچكە ،ساقچىلار چوڭ بىر ھەرىكەت پىلانى تەييارلاپ 51 جىنايەتچىنى تۇتماقچى بولغان ،نەتىجىدە بۇقېتىم تۇتۇلغان جىنايەتچى 14 نەپەر بولغان .
شۇ كۈندىكى ھەرىكەتتە ساقچىلار جىنايەتچىلەرگە قارىتا ئوق ئاتقاچقا ، يەرلىكتىكى كىشىلەر قورقۇپ ئۆيىگە كىرىۋالغان ،ھەتتا شۇ يەردىكى ئىككى مەكتەپ بىر كۈنلۈك دەرسنى توختىتىپ 1000نەپەرگە يېقىن ئوقۇغۇچى دەرسكە كىرەلمىگەن .
بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋە ئولىمپىكنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن رىئودى ژانىرو ساقچىلىرى زور كۈچ ئاجرىتىپ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ،بىراق بۇ ھەرىكەتنىڭ تا ھازىرغىچە ئاياغلاشقىنى يوق ساقچىلار ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved