ماتېرىيال سۈرەت : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2011-يىلى مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ ، ‹‹ئەلقائىدە›› نىڭ كاتتىبېشى ئوساما بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 30-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزلىرى سۈرەتكە ئالغان ، ‹‹ئەلقائىدە›› نىڭ ئاتامانى بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىدىكى ئەسكەر تەسۋىرلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنى كېلەر ئايدا تېلېۋىزىيەدە تارقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ‹‹بىن لادېننى ئۆلتۈرگەن ئەر›› ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، 11-، 12-نويابىر كۈنلىرى قويۇلىدىكەن . پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، فىلىمدا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىدىكى بۇ ئەرنىڭ قانداق تەربىيەلىنىشلەردىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئەڭ قابىل ئەسكەرگە ئايلانغانلىقى ، قانداق قىلىپ ‹دېڭىز ئەرۋاھى نەيزىسى ›› ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ھەم ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ‹‹ئەلقائىدە›› نىڭ كاتتىبېشى بىن لادېننى قانداق ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلىدىكەن .
پىروگرامما گۇرۇپپىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ، بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدىكى ئەسكەرنىڭ بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش جەريانى ، بىن لادېن ھاياتىدىكى ئاخىرقى دەقىقىلەر قاتارلىق مەزمۇنلار ئەزەلدىن سىرتقا ئاشكارىلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 2011-يىلى 2-مايدا پاكىستانغا يوشۇرۇنچە كىرىپ ، ‹‹ئەلقائىدە›› نىڭ كاتتىبېشى بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن . ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دۇنيا ئەھلىگە بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved