جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى شېركىتى 28-ئىيۇن خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مال يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بۈركۈت 9-نومۇرلۇق راكىتانى قويۇپ بەردى، راكىتا قويۇپ بېرىلىپ ئىككى يېرىم مىنۇتتىن كېيىن تۇيۇقسىز پارتلاپ پارچىلىنىپ كەتتى، تەخمىنەن 2500 كىلوگرام تەمىنات قاچىلانغان بۆلۈمچىمۇ پارتلاپ كەتتى. بۇ سەككىز ئايدىن بۇيان، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مال يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم مەغلۇپ بولۇشى. ئەسلى پىلاندىكى راكىتانى يىغىۋېلىش قونۇش تەجرىبىسىمۇ ئېلىپ بېرىلمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved