ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقسارايدا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يىل ئاخىرىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ بىر يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش «نەتىجىسى» نى تاپشۇردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر شارى مۇساپىرلار كىرىزىسىنى چۆرىدەپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 2016-يىلى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان ب د ت يىغىنى مەزگىلىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سامانتا پوۋېر 21-دېكابىر «بۇ بىر يىل شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈم، ئۇسۇل ۋە مەبلىغىمىز يېتەرلىك ئەمەس» دېگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىدە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى پۈتۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 60 مىليون ئادەم يۇرت ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پوۋېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما ئۆتكۈزمەكچى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى كېلەر يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن بولۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرى بۇ ئارقىلىق «يېڭى ۋەدە» بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشەببۇس قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىككە، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاۋاز قوشىدىكەن.
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved