چاۋشيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ خانىمى رى سولجۇ ئىنچون ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە يېقىندا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكۈچىلەرنى يوقلىدى. بۇ كىم جوڭئۇن ۋە رى سولجۇنىڭ بۇ يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ‹‹مۇدەن چوققىسى›› ئوركېسترىنىڭ كۆرگەندىن كېيىن، ئىككىيلەننىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا سورۇندا پەيدا بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە دېيىلىشىچە، كىم جوڭئۇن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تىرېنېرلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىگەن ھەمدە ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، زىياپەت بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved