شىنخۇا تورى ، رابات ، 5-نويابىر تېلېگراممىسى : ماراكەش ئالىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىيادىلانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 3-نويابىردىن 5-نويابىرغىچە ماراكەشتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ماراكەش پادىشاھى مۇھەممەد VI، ھۆكۈمەت باشلىقى بېن جىلان ۋە پالاتا باشلىقى ئارام ھەمدە ئالىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىيادىلا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .
يۈ جېڭشېڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ، زۇڭلى لې كېچياڭ ۋە كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ ماراكەش رەھبەرلىرىگە يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ئوتلۇق تىلەكلىرىنى يوللىدى.
يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو-ماراكەشنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزۇن بولۇپ ، ماراكەش ئەڭ بۇرۇن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى . دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 56 يىلدىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ ، سىياسىي ، ئىقتىساد-سودا ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق بولدى .
جۇڭگو تەرەپ ماراكەش تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئۈزلۈكسىز تۈرتكتە بولۇشنى خالايدۇ . سىياسىي جەھەتتە ، يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى ساقلاپ ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ .
ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ، جۇڭگو تەرەپ ماراكەشنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ ، ئەمەلىي كۈچى زور ، ئىشەنچلىك جۇڭگو مەبلىغىدىكى شىركەتلەرنىڭ ماراكەشكە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھام بېرىشنى خالايدۇ .
ماراكەش تەرەپنىڭ ئەۋزەل ، قولايلىق مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدىكى ئورتاق نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى جەھەتتە ، ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپنىڭ خادىملار ئالاقىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ماراكەشكە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىشى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved