شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان يېنبو تاۋلاش زاۋۇتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

        دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-يانۋار سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن بىرلىكتە يېنبو تاۋلاش زاۋۇتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ پادىشاھ ئابدۇللا نېفىت تەتقىقات مەركىزىگە يېتىپ بارغاندا، سالماننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى.ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە چوڭ زالغا كىرىپ، ئەزىز مېھمانلار ئورنىدا ئولتۇردى. چوڭ ئېكرانغا يېنبو تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ تۈرلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان سىن ۋە تۈر مەيدانىدا ئىش باشلاش سۈرەتلىرى قويۇلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق خىزمەتچىلەر خەنزۇ تىلىدا شى جىنپىڭدىن ھال سورىدى، جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەر ئەرەب تىلىدا سالمان پادىشاھتىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ بىلەن سالماننىڭ قوزغىتىش كۇنۇپكىسىنى بىرلىكتە بېسىشى بىلەن، يېنبو تاۋلاش زاۋۇتى تۈرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان يېنبو تاۋلاش زاۋۇتى تۈرى سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقتىسادىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ھەم جۇڭگونىڭ يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق تۈرلىرى بار، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.



خەتكۈچلەر:
21-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek