ئامېرىكا CNN ئىقتىساد قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قارا بۆلجۈرگەننىڭ تۇنجى ئاندىرويىد يانفونى Priv نىڭ Wal-Mart ۋە Best Buy قاتارلىق تور دۇكانلىرىدىكى سېتىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە قارا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھاسى بىراقلا %7 ئۆرلەپ كەتكەن. كىشىلەر قارا بۆلجۈرگەننىڭ تۇنجى ئاندىرويىد يانفونى Priv بۇ شىركەت ئۈچۈن مۆجىزە يارىتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. گەرچە Priv نىڭ كونكرېت سېتىلىش مىقدارى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يۇقارقى ئىككى چوڭ پارچە سېتىش دۇكىنى ئالدىن تەييارلىغان Priv يانفونلىرىنىڭ ھەممىسى پاك-پاكىز سېتىلىپ تۈگەپ، نۆۋەتتە قايتا مال تولۇقلاشقا باشلىغان.
ئۆتكەن بىر قانچە يىل جەريانىدا، ئايفون ۋە باشقا ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان قارا بۆلجۈرگەن يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل تۆۋەنلەپ، بۇ شىركەتنى ئىنتايىن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بىراق، Priv ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بازار ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاندىرويىد ئاساسىدىكى Priv يانفونى ئىستېمالچىلارنى مول بولغان ئەپ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، يەنە كىلاسسىك ئۇسلۇبتىكى كۇنۇپكا تاختىسىمۇ قوشۇلغانلىقتىن، قارا بۆلجۈرگەن مەستانىلىرىنىڭ ئىنتايىن زور ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
ئەگەر نەچچە يىل بۇرۇنقى ۋاقىت بولغان بولسا، قارا بۆلجۈرگەننىڭ ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايرىپ قويۇپ، باشقا بىر مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى، قارا بۆلجۈرگەن ئەزەلدىن ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاندىرويىد سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن Priv يانفونىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانىكەن، ئۇنداقتا قارا بۆلجۈرگەنمۇ داۋاملىق تۈردە ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۇنداق بولمىغاندا، قارا بۆلجۈرگەنگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىدىن ۋاز كەچمەكتىن باشقا يول يوق.
قارا بۆلجۈرگەن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چېڭ شوۋزوڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن:
«ئىزچىل ھالدا قارا بۆلجۈرگەن ۋە مىنىڭ بۇ يەردە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىمغا دىققەت قىلىپ كەلگەن دوستلارغا دەيدىغىنىم: ئەگەر پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىساق، ئۇنداقتا بىز يانفون كەسپىنى ھەرگىز ساقلاپ قالالمايمىز. دېمەكچى بولغىنىم، بىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىقىمىز، كەلگۈسىدە يانفون كەسپىنىڭ پايدا يارىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.»
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved