ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەسلىدىكى تەڭرىتاغ سودا سارىيىغا ئوت كەتتى

18-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 13:00 دە ، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى داشىزىغا جايلاشقان ئەسلىدىكى تەڭرىتاغ سودا سارىيى بىناسىغا ئوت كەتتى، نۆۋەتتە، ئادەم يارىلىنىش ۋە قازا قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئوت كېتىش سەۋەبى ۋە كېلىپ چىققان زىيان تەكشۈرۈلمەكتە.    سائەت 13:05 دە مۇخبىرنىڭ ئوت كەتكەن نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، ئوت  قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئەسلىدىكى تەڭرىتاغ سودا سارىيىنىڭ 1- قەۋىتىدىن 3- قەۋىتىگىچە يامرىغان. سائەت 13:10 دە، شامال بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا ، ئوت بىردەمدىلا داشىزىدىكى پىيادىلەر ئاسما كۆۋرۈكىگە تۇتاشقان. سائەت 13:30 دە ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېلىنغان .    

 

ئىگىلىنىشىچە ، ئوت ئۆچۈرۈلۈۋاتقاندا،  داشىزى، شىياۋشىزى ، BRT خەلق مەيدانى بېكىتى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە قاتناش تىزگىلىنىپ ، جۇڭشەن يولى ، تىنچلىق شىمالىي يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە قاتناش توسۇلۇپ قالغان . ئوت ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قاتناشنى تىزگىنلەش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ ، مۇناسىۋەتلىك يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن .    

 

ئۈرۈمچى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى ساقچى ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي پېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شىنخۇا شىمالىي يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئالتە ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 20 ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان.    

بەي پېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە: گەرچە ئوت كېتىش سەۋەبى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا ، قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى سىرتقى تامنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى ، سىرتىغا قاپلانغان تور قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان ماددىلار ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن .

 



19-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek