سودا مىنستىرلىقىنىڭ 11-سېنتەبىر ئاشكارلىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىلى ھۆكۈمىتىگە 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جىددى ئىنسانپەرۋەرلىك نەق پۇل ياردىمى بېرىشنى قارار قىلغان.
25-مارت چىلىنىڭ شىمالى تارىخى خاراكتېرلىك ئاز كۆرۈلىدىغان كۈچلۈك يامغۇر ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى بولدى. كىشىلەر قازا قىلدى، يارلاندى، خەۋەرلىشىش، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالدى. چىلى ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ جىددى ھالەتكە كىرگەنلىكىنى، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىگىنى جاكارلىدى.
سودا مىنستىرلىقىدىن مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىلى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئاپەت ئەھۋالى ئۆزگىرىشگە ئاساسەن، مادارىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، چىلى خەلقىنىڭ يۈرت ماكانىنى قايتا قۇرۇشىنى قوللايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved