ماۋرىتانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر يۈك ماشىنىسى تۈنۈگۈن شىمالدىكى بىر تاشيولدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ماشىنىدىكى ئاز دېگەندە 14 ھەربىي قازا قىلدى، يەنە 27 ھەربىي يارىلاندى.
ماۋرىتانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ماشىنا ۋەقەسى ماۋرىتانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بازار ئاتالنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تاغ ئېغىزىدا يۈز بەرگەن، بۇ جاي پايتەخت نوۋاكشوتقا 450 كىلومېتىرچە كېلىدىكەن. يۈك ماشىنىسى بىر تىك دۆڭگە ئۆرلەپ ئەگىلىۋاتقاندا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئېغىر پاجىئە يۈز بەرگەن. بۇ مەسئۇل كىشى ھازىر يارىلانغان بارلىق ئەسكەرلەرنى نوۋاكشوت ھەربىي دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالىتىۋاتىمىز دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved