خەلق تورى سىدنېي 29-ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئامېرىكىلىق بىر ئۇچقۇچى تايلاند قولتۇقى دېڭىز ئاستىدا مالايشىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوخشايدىغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئاۋسترالىيە ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مېخائىل ئىسىملىك 60 ياشلىق بۇ ئۇچقۇچى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى تورىنى كۆرۈۋاتقاندا ، بىر مۇكەممەل ئايروپىلانغا ئوخشايدىغان سۈرەتنى بايقىغان . مېخائىل بايقىغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدىكى بۇ ‹‹ ئايروپىلان ›› تايلاند قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە بولۇپ ، بۇ مالايشىيا MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەر يۈزى بىلەن ئالاقىلاشقان ئورۇن ئىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved