1-نويابىر سەھەردە ئاي پەرىسى بەشىنچى نومۇر ئۈچۈن يول تەكشۈرۈپ بېرىدىغان قايتا كىرىپ قايتىش سىناق ماشىنىسى ئوڭۇشلۇق قوندى، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسلەر جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئاپىرىن ئېيتتى.
ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى بەيكۇيسېت شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۇلۇغ تۈر، يولغا قويۇلغان كۆپ يىللاردىن بۇيان بىرقەدەر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، فىرانسىيە ئالەم قاتنىشى تەتقىقات مەركىزى ئىستراتېگىيە، پىلان ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى بوناۋېر مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى ھازىرغا قەدەر ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، جۇڭگو ئاي شارىنى ئاپتوماتىك تەشكۈرۈشتە بىر يۈرۈش ناھايىتى كۆپ مۇھىم تېخنىكىلارنى ئىگەللىدى.
ئىلگىرى ئۇچقۇچى بولغان گېرمانيە مىيونخېن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئالەم ئىشلىرى پەنلىرى پروفېسسورى ۋارت: جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى پۇختا، قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇلىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھەربى ئىنىسىتىتوتىنىڭ پروفېسسورى فىرېيزې مۇنداق دېدى: جۇڭگو بەلگىلەنگەن ئاينى تەكشۈرۈش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرلەۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى سىناق بۇ ئىلگىرلەشكە تۈرتكە بولىدى، مېنڭچە ئادەملىك ئايغا چىقىش جۇڭگونىڭ ئاينى تەكشۈرۈشتىكى كەلگۈسى نىشانىغا ئايلىنىدۇ.
ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى بەيكۇيست مۇنداق دەپ قارىدى: ئاينى تەكشۈرگۈچنى ئايغا چىقىرىش، ئەۋرىشكە توپلاش ۋە قايتىشقا ناھايىتى ئىلغار ۋە مۇرەككەپ تېخنىكا كېتىدۇ، بولۇپمۇ تەكشۈرگۈچنىڭ يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىغا قايتىپ كەلگەندە ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى تېمپۇراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇڭا بۇ قېتىم قايتا كىرىپ قايتىشنى سىناق قىلىش كەلگۈسىدە ئاي پەرىسى بەشىنچى نومۇرنى سىناق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
گېرمانيەنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋارتمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاي پەرىسى بەشىنچى نومۇرنى ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ، مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىش كېرەك، شۇڭا مۇشۇنداق قايتا كىرىپ قايتىش سىنىقى قىلىش زۆرۈر، مەيلى ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى بولسۇن ۋە ياكى سۈنئىي ھەمراھقا يول باشلاش سىستېمىسى بولسۇن، جۇڭگولۇقلارنىڭ نىشانى ئېنىق، ئەمەلىي، ھەرىكىتى كەسكىن.
ئامېرىكا پىلانتا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىمى راكۋادارا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى كىشىنى خوشال بولىدۇ، ئەمما تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەر يەنىلا ئالدىمىزدا، قايتىپ كېلىش تېخنىكىسىنى ئىگەللەش جۇڭگونىڭ كەلگۈسى 40 يىلدا ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلەر يەنى ئاي شارى ئەۋرىشكىسىنى يەر شارىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
رۇسىيەدە چىقىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەۋىرى ژۇرنىلىنىڭ مۇھەرىرىرى مارىنىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئالەم بوشلۇقىنى ئېچىش يېڭى تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خىزمەت ئورنى يارىتىدۇ، ئىقتىسادقا ئاكتىپ تەسىر كۆرىسىتىدۇ، بۇ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، ھەرقانداق دۆلەت ئۈچۈن شۇنداق.
ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىكى بەيكۇيسېت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغان ساھە، بىزنىڭ ھەمكارلاشماسلىققا ئاساسىمىز يوق، ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارسى ئىلگىرى ئاي پەرىسى بىرىنچى نومۇر، ئاي پەرىسى ئىككىنچى نومۇرنى ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسىدە جۇڭگو بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىشىنىمەنكى ئىككى تەرەپ كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە تېخىمۇ مول ھەمكارلىشىدۇ.
گېرمانيەنىڭ سابىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئالەم ئىشلىرىنى مۇستەقىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى بار، شۇڭا داۋاملاشتۇرۇش، بەزى گۇمان سادالىرىغا پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىك لازىم، جۇڭگو مۇۋاپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئىلگىرى بۇنىڭدىن گۇمان قىلغۇچىلار چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگونى ئىزدەپ، ھەمكارلىشىش يولى ئۈسىتىدە ئىزدىنىدۇ.
ئامېرىكا پىلانتا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىمى راكداۋارا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە ئايغا قونۇپ ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىشى ئىلمىي تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىز جۇڭگونىڭ ئالەم ئىشلرى پەن تېخنىكىسى ۋە ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىزلىنىشلىرىدىن ئۈمىد كۈتمەكتىمىز.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى پادىشاھ ئىنىسىتىتوتىنىڭ ئالەم پەنلىرى مۇتەخەسسىسى راسۇمانو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدە بىر قاتار نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، بۇ نەتىجىلەر تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدۇ، بىز جۇڭگونىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە بۆسۈشلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved