دەملەنگەن چاي بىلەن دۈملەنگەن گۈرۈچ تاماق يېيىشلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق تاماق كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، ئاسان ھەزىم بولۇپ، ئادەمنى نۇرغۇن كېسەلدىن نېرى قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۈچ گىرام چاينى 500 دىن 1000 گىرامغىچە قايناق سۇغا سېلىپ 10 مىنۇت تۇرغۇزۇپ داكا بىلەن چاي شامىلىنى سۈزۈۋېتىپ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچنى سېلىپ دۈملىسەكلا بولىدۇ.
شىنجاڭ ھەربىي رايونى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىكى ئوزۇقلۇقشۇناس ياڭ لىن مۇنداق دېدى: «چايدا ئاساسلىقى فېنول بار، ئۇ نىتروزامىننىڭ ئادەم بەدىنىدە بىرىكىۋېلىشىنى توسۇپ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىل قان تومۇرنىڭ ئېلاستىلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئاتېرىيە تومۇر قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ».
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved