ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .قازاقىستان زۇڭتۇڭ ئاخبارات ئىدارىسى 26-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىپ زۇڭتۇڭ نەزەر بايېفنىڭ شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ 26-ئاپرىل مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى .
قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېف زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامىنېت سايلىمىنىڭ ئەسلىدە 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ،ئەمما ئىككى سايلامنىڭ بىر يىلدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،پارلامىنېت زۇڭلى ۋە دۆلەت ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن كېڭىشىپ بۇ يىل 26-ئاپرېل مۇددەتتىن بۇرۇن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرمىدى .1991-يىلى دېكابىردا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان نەزەر بايېف ئىزچىل زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved