جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلگىراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچكىچە، نېپالدىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتە 5000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلىپ، 8000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.نېپال ھۆكۈمەت تەرەپ جىددىي قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.نېپال زۇڭلىسى سۇشىر.كىيىلالا سىرتقا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
نېپال قاتتىق يەر تەۋرەشتىكى يارىلانغانلار ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.نېپال ئەمەلدارلىرنىڭ 28-ئاپرېل دېيىشىچە، كەم دېگەندە 5057 ئادەم قازا قىلىپ 8000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
ھىندىستان تەرەپتە كەم دېگەندە 72 ئادەم قازا قىلغان، 288 ئادەم يارىلانغان.
يەر تەۋرەش جۇڭگو شىزاڭدا 25 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 383 ئادەم يارىلانغان. 4 ئادەم يوقاپ كەتكەن. 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچىرىغان. يارلىغانلار ۋە ئاپەتكە ئۇچىرىغانلار يەنە ئۆرلىمەكتە.
نېپال زۇڭلىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى 8.1 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 10 مىڭغا يېتىشى مومكىن.
چەت- ياقا رايونلارنىڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى ناھايىتى قىيىن بولىۋاتىدۇ. نېپال ھۆكۈمەت تەرەپ ھازىر مۇشۇ جايلارغا بېرىپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved